پەرھات بىلەن شىرىننىڭ ھەيكىلى ئالدىدا

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى شاھزادىلىرىنىڭ كۆپى ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ئاماسيا شەھرى كىشىلەر تەرىپىدىن شاھزادىلەر شەھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

ئاماسيا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان 134 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك بىر شەھەر. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ كۆپى بۇرۇن بۇ يەردە ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولغاچقا، كىشىلەر بۇ شەھەرنى شاھزادىلەر شەھىرى دەپ ئاتايدىكەن. بۇ شەھەرنى 1075-يىلى تۈركلەر، 1243-يىلى موڭغۇللار قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە يەنە 1341-يىلىدا ئاماسيا شەھىرىنىڭ ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى يېزىلغان. 1386-يىلىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بۇ ۋىلايەتنى زېمىنىغا قوشۇۋالغان.

بىز ھازىر ئاماسيا شەھىرىنىڭ دەل مەركىزىنى كېسىپ ئۆتكەن يېشىل ئىرماق يەنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېشىل دەريا بۇيىدىكى شاھزادىلەر يولىدا كېتىۋاتىمىز. بۇ يولدىن ئىككى تەرەپكە قارايدىغان بولسىڭىز، دەريانىڭ ئىككى ياقىسىدا ئوسمانلى دۆلىتى مەزگىلىدە سېلىنغان ئىمارەتلەر 1400-يىللاردا سېلىنغان جامىيلەر، مۇزېيلار ۋە 5 ئەسىر بۇرۇن تىكىلگەن دەرەخلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئىنساننى ئاجايىپ تەسىرلەندۈرىدىغان مەنزىرە.

بۇ يولدا ئوسمانلى تەختىگە چىقىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن 8 شاھزادىنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بۇ ھەيكەللەرنىڭ قاتارىدا پەرھات بىلەن شېرىننىڭمۇ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان. ھەيكەلدە پەرھاتنىڭ تاغنى تېشىپ سۇ ئەكېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بىلەن گۈزەل قىز شېرىننىڭ ئىۋرىقتا سۇ تۆكۈۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. ھەيكەلنىڭ ئاستىغا بۇ ھەيكەلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنۇلار يېزىلغان:
«پەرھات كېلىشكەن بىر يىگىت بولۇپ، نەققاش ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا نەققاشلىق قىلىدىكەن. شېرىن بولسا ئاماسيا پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى ئىكەن. پەرھات بىلەن شېرىن بىر-بىرىگە كۆيۈپ قالىدىكەن. ئەمما شېرىننىڭ ئاكىسى پەرھاتقا، ئېگىز تاغنى تېشىپ ئاماسياغا سۇ باشلاپ كەلسەڭ سىڭلىمنى بېرىمەن دەيدىكەن. پەرھات تاغنى تېشىپ سۇ باشلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئاكىسى شېرىننى ئۇنىڭغا بەرمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن پەرھات بىلەن شېرىننىڭ مۇھەببىتى تراگېدىيىلىك ھالدا ئاخىرلىشىدىكەن.»

بىز بۇ داستان ۋە بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ۋارىيانتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە ئاماسيانى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.