قاسىمجان قەمبىرىنى ئەسلەيمىز

بۇ يىل 10 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، 20 - ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى، تونۇلغان مەدەنىيەت - سەنئەت ئەربابى، 1944 - 1949 - يىللاردىكى شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان قاسىمجان قەمبىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ چوڭ ئوغلى، ھازىر قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.