ئالماتادا قەھرىمان ئانىلارغا بېغىشلانغان «ئانا مىراسى» ناملىق كىتاب تونۇشتۇرۇلدى

يېقىندا ئالماتادىكى «bookmark» ۋە «méloman» كىتاب دۇكانلىرىدا دۈرنەم مەشۈروۋانىڭ رۇس تىلىدا چىققان «ئانا مىراسى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

بىر نەچچە شېئىر ۋە ھېكايىلەرنىڭ شۇنداقلا 2005-يىلى نەشر قىلىنغان، كۆرنەكلىك جامائەت ئەربابى مەرھۇم ئازاد مەشۈروفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان «بىھۇدە ئۆتمىگەن ھايات» ناملىق ھۆججەتلىك قىسسىنىڭ ھەمدە 2009-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئانا مىراسى» رومانىنىڭ ئاپتورى دۈرنەم مەشۈروۋا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سوۋېت دەۋرىنىڭ 30-يىللىرىدىن تا بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ھايات-تىرىكچىلىكى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە ھېكايە قىلىدۇ. ئەدىبنىڭ ھەر ئىككى ئەسىرى كىتابخانلاردا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان.

durnem-meshurowa-book-presentation-385.jpg
ئالماتادىكى «bookmark» ۋە «méloman» كىتاب دۇكانلىرىدا دۈرنەم مەشۈروۋانىڭ رۇس تىلىدا چىققان «ئانا مىراسى» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. (RFA/Oyghan)

دۈرنەم مەشۈروۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر رومانىنىڭ مەزمۇنى ھەم ئامېرىكىدىكى سەپەر جەريانىدا ئالغان تەسىراتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

http://www.mashurova.org/2010/12/book-presentation-at-university-of.htmlOpens in new window ]