ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 5-‏ 6 ‏- كۈنلىرى، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەت، مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە قولدا ئىشلەنگەن مىللىيچە بۇيۇملارنى سېتىپ يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاشتىن ئىبارەت ئىككى مەقسەتنى كۆزدە تۇتتى.

0:00 / 0:00

2010 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 5-‏ 6 ‏- كۈنلىرى، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. كۆرگەزمىنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن "ئامىستېردام ئوربان كوزموپولىتانس" ۋەخپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. كۆرگەزمە زەيتىنبۇرنۇنىڭ سودا مەركىزى بولغان "ئولىۋىيۇم" سودا سارىيىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتكە "قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت خەلق بازىرى" دەپ نام بېرىلدى.

زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان، رېشىلىيە، نەقىش، بېزەش، زىبۇزىننەت قاتارلىق قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بىلەن شۇنىڭدەك يەنە ماي بوياق ۋە ياغاچ ئويما رەسىم كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خانىم ‏- قىزلارنىڭ مەزكۇر ئۆزلىرى ئىشلىگەن سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش پائالىيىتىگە كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.

بۇ كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئاياللارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بادام ۋە چىمەن دوپپىلىرى، كانۋاي كۆڭلەكلىرى، ئاياللارنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلىرى ھەمدە شارپا، قولدا ئىشلەنگەن رېشىلىيە، ياستۇق قېپى دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى. كۆرگەزمە مەيدانىغا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، بۇ بايراق زىيارەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

زەيتىنبۇرنۇنىڭ سودا مەركىزى ئولىۋىيۇمدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتىگە، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتى تارتىلدى. كىشىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرىدىن ئۆزلىرى ياقتۇرغانلىرىنى سېتىۋالدى.

زەيتىنبۇرنۇدا تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە، خانىم ‏- قىزلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي كىرىم قىلدى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يەرلىك خەلق ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئىشلىرى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان گۈلسۈم بىلگىلى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك گۈلسۈخانىم قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ھەققىدە كۆرگەزمە ئېچىشتىكى ئاساسىي مەقسەت نېمە؟

جاۋاب: بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت، ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قولىدا ئىشلىگەن نەپىس بۇيۇملىرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش. چۈنكى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئاياللار ئۆزلىرى قولىدا ئىشلىگەن گۈزەل قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەتلىرىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىدۇ، ئەمما باشقىلارغا كۆرسىتىش، تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولمايدۇ. بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇپ، زەيتىنبۇرنۇدىكى ھەر خىل مەدەنىيەت ‏ ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز.

سوئال: سىزچە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بۇيۇملار قانداق ئىكەن؟

جاۋاب: بۇ يەردە، ئاياللارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن كەلتۈرۈپ قويغان قولدا ئىشلەنگەن چىرايلىق بۇيۇملىرى ۋە كىيىملەر بەك جەلپ قىلارلىق گۈزەل ئىكەن، كىشىلەر بەك قىزىقىپ كۆردى. مەنمۇ ئاياللار كىيىدىغان چىمەن دوپپىلارنى كۆرۈپ، قولدا تىكىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ھەيران قالدىم، بەك گۈزەل ئىكەن. پۈتۈنلەي مارجان بىلەن تىكىلىپتۇ، بەك كۆڭۈل قويۇپ تىكىلگەن دوپپىلار ئىكەن. بۇلار قولدا تىكىلىدىغان بولغاچقا كۆپ ئەمگەك سەرپ قىلىنغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مەن بۇلارنى بەك ياقتۇرۇپ كۆردۈم. بۇ پروگراممىدا مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ تونۇغان بولدۇم.

سوئال: ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە ياشايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
جاۋاب: مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلىرىنىڭ سۈرگۈن بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىمەن، خىتايلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش يولىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دەرتلىرى بىزنىڭ شەرتلىرىمىز، چۈنكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈرك ئىرقىدىن بولغاچقا بىز ھەر زامان ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. ئۇلارنى ئۆز ئارىمىزغا ئېلىپ بىللە ياشاشنى خالايمىز. ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر خەلق، ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

بىز يەنە بۇ پروگراممىدا كۆرگەزمە ئاچقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن، ئاسىيا خانىمنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئاسىيا خانىم بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.

"بىز بۇ يەردە ئۆز ۋەتىنىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە قولدا ئىشلەنگەن مىللىي بۇيۇملىرىمىزنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ھەم ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈۋاتىمىز ھەم كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتىمىز. بىزمۇ ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر ئىش قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ۋە بىزنى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۆزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆرگەزمىگە قويغان مىللىي ئەشيالىرىمىزنى كۆرگەنلەر بەك ياقتۇردى ۋە ھەيران قالدى، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرىمىزنى تەلەپ قىلغانلارغا سېتىپ بېرىۋاتىمىز".

پروگراممىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويغان ئۇيغۇر ئاياللاردىن مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر خانىم بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر قول ‏- ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏- ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يەنە بىر تەرەپتىن قولدا ئىشلەنگەن بۇ مىللىيچە بۇيۇملارنى سېتىپ يېتىم بالىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاشتىن ئىبارەت ئىككى مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ كۆرگەزمە ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.