رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسىنىڭ تۈركچىسى نەشىردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.25
2009.11.25

RFA Photo / Erkin Tarim
بۇ كىتاب گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالىكساندەر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان "ئەجدېرھا بىلەن كۈرەش قىلغۇچى ئايال" ناملىق كىتابنىڭ ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان. كىتابنى تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ نەشىرىياتلاردىن بىرى بولغان پېگاسۇس نەشىرىياتى نەشىر قىلغان. كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان خاتىچە ئۇتقان خانىم بۇ كىتابتا پەقەتلا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتى بايان قىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتىۋاتقان دەرت - ئەلەملىرىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىنى، شۇڭا ھەر بىر تۈركنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ كىتابقا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب كىرىش سۆز ۋە خاتىمىدىن باشقا 16 باپ، 479 بەت بولۇپ، كىتابنىڭ بېشىغا ئۇيغۇر دىيارىنى تەپسىلى كۆرسىتىپ بېرىدىغان خەرىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن. خاتىچە ئۇتقان خانىم بۇ كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇزۇن يىل خەۋەرسىز ياشىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى، بۇ ئەسەرنىڭ تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنى تەرجىمە قىلغۇچى ئاپتور خاتىچە ئۇتقان ۋە رابىيە قادىر خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خاتىچە ئۇتقان خانىم ئۆزىنىڭ ھۈررىيەت گېزىتىدە مۇخبىرلىق قىلىۋاتقانلىقى، ئىنگىلىزچە ۋە فرانسۇزچىدىن كۆپ ساندا كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، رابىيە قادىرخانىمنىڭ بىئوگرافىيىسىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-- بۇ كىتابنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى "نىيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ تور بېتىدىن مەن تاپتىم. بۇ تور بەتكە كىتابنىڭ ئىككى بېتى قويۇلغان ئىدى. بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلايلى دەپ نەشرىياتقا ئېيتتىم . كىتابنىڭ تىلى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش بولغاچقا كىتابتىكى ۋەقەلەر بىز ئۈچۈن تونۇش ۋە قىزىقارلىق ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى تۈركلەرنىڭ دەردى."
خاتىچە ئۇتقان خانىم پۈتۈن تۈركلەرنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى ئاڭلىتىپ يەنە مۇنداق دېدى:
-- ئالدى بىلەن بۇ كىتابنى پۈتۈن تۈركلەر ئوقۇشى كېرەك دەيمەن. بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىشى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۇلار دۇچار بولىۋاتقان قىيىنچىلىقلار بايان قىلىنغان. بۇ كىتابنى ئوقۇش كېرەك. كىتابتا مەلۇم بىر تارىخ، مەلۇم بىر كەچۈرمىش چۈشەندۈرۈلگەن . مەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىم شۇنداقلا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ھېسسىياتىنى تۈركلەرگە ئاڭلاتقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلماقتىمەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.