'رابىيە خانىمنىڭ تەرجىمىھالى' ياپون تىلىدا نەشر قىلىندى

"ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالى" ناملىق كىتاب ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ رەسمىي نەشردىن چىقتى. بۇ كىتاب گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالىكساندەر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان "ئەژدەرھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق نېمىسچە كىتابغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، بەزى يېڭى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

كىتابنى ياپونيىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان كودونشىيە نەشرىياتى نەشر قىلغان. كىتابنى كۇماكاۋا ئەپەندى نېمىسچىدىن تەرجىمە قىلغان بولۇپ يازغۇچى مىزۇتانى نائوكا خانىم كىتابغا يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.

نائوكا خانىم بىلەن بۇ كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان كاگۇشىما ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابنىڭ ياپونچە تەرجىمىسىگە تىبەتلەرنىڭ داھىسى دالاي لاما بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتابغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىملىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب 13 باپ 500 بەتلىك بىر ئەسەر بولۇپ، ياپون تىلىدىكى نۇسخىسىغا ئۇيغۇر دىيارىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىدىغان خەرىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن. يەنە نائوكا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان نۇسخا ئىنگىلىزچە، نېمىسچە ۋە ئىتالىيىچە نۇسخىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل ئىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى قىلغان يازغۇچى مىزۇتانى نائوكا خانىم ۋە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.