ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ھەرەم سەپىرىگە ئاتلانغانلىرى مۇساپىرچىلىقنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ھەج سەپىرىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېگەنلىكتىن، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنىڭ شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەشەمەتلىك بىنالىرىنى سېتىپ ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەرەمگە كېلىدىغان كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ۋەقىپ قىلىپ قويغان ئىكەن.
ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيىلىرىنىڭ نامىدا ۋەقىپ قىلىنغان بىنالار كۆپتۇر. ۋەقىپ بىنالىرى بۇ جايدا «رىبات»دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايلاردىكى ۋەقىپ بىنالىرى «قەشقەر رىبات»، «كۇچا رىبات»، «ئاتۇش رىبات»،«خوتەن رىبات»، «قاغىلىق رىبات»، «شاھيار رىبات»، «ئۇجات رىبات»، «ئاقسۇ رىبات» ۋە «كېرىيە رىبات» دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇردۇر. ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سېخىيلىقى، مەردلىكى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ غېمىنى يېيىشتەك مەسئۇلىيەتپەرۋەرلىكى تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن بۇ رىباتلار ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر يېتىپ قوپۇش ئورنىغا ئايلانغان. بۇ رىباتلارنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھاجىلار يېتىپ قوپىدىغان جاينىڭ غېمىنى قىلمايدىغان بولغان.
مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى كېرىيە ۋەقپى ھەققىدە ئابدۇرۇپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پېشقەدەم ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇرۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇندىن 100يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى كېرىيىدىن ھەرەمگە كەلگەن بىر ساخاۋەتچى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە كېرىيىلىكلەرگە ئاتاپ بىر ۋەقىپ تەسىس قىلغان ئىكەن. كېيىنچە بۇ ۋەقىپنى باشقۇرىدىغانلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ۋەقىپ ئىگىسىز قالغانلىقتىن ھۆكۈمەت بەيتۇل مال (ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان ۋەقىپلەر) قاتارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن كېرىيە جايلىق ئوسمان مەۋلىۋى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە كېلىپ، ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق مىڭ جاپادا بۇ ۋەقىپنى قايتۇرۇپ ئالغان ئىكەن.
ئابدۇرۇپ ھاجىم ئوسمان مەۋلىۋى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئوسمان مەۋلىۋى ھىندىستاندا ئوقۇغان كېرىيىلىك ئۆلىمالاردىن بىرى. ئۇ كىشى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە كېرىيە رىباتقا مەسئۇل ئىدى. تالىبلارغا دەرس بېرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى كېرىيە رىباتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە سەۋەب بولغان كىشى ئىدى.»
ئابدۇرۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئوسمان مەۋلىۋى 1991-يىلى ۋاپات بولغىنىغا قەدەر كېرىيە رىباتنى ئۆزى باشقۇرۇپ، كېرىيىدىن ھەج ۋە ئۆمرىگە كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىپ، مېھمان قىلىپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. ئوسمان مەۋلىۋىنىڭ ۋاپاتىدىن ھازىرغىچە بۇ ۋەقىپكە كېرىيە كۆكيارلىق مۇھەممەد قارىھاجىمنىڭ ئوغلى ئۆمەر مەسئۇل بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى كېرىيە ۋەقپىنىڭ ئورنى شۇ زاماندىكى مەسچىت نەبەۋىنىڭ يېنىدا بولۇپ، 1990-يىللىرى مەسچىت نەبەۋىنى كېڭەيتىشتە كېرىيە ۋەقپى چېقىلىپ كېتىپ، ۋەقىپنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمەت كۆپ مىقداردا پۇل بەرگەن. شۇ ۋاقىتتا كېرىيىلىكلەر بۇ پۇلدىن ئىشلىتىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ قۇربان نازىل كوچىسىدىن ئىككى چوڭ بىنا سېتىپ ئالغان ئىدى. ھازىر بۇ ئىككى بىناغا چۈشىدىغان كېرىيىلىكلەر بولمىغانلىقتىن، بۇ ئىككىسى مېھمان كۈتۈش ئورنىدا ئىشلىتىپ كېلىنمەكتە ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ئالدىغا ھەج- ئۆمرىگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتكەنلىكى، ئانا ۋەتەندە تەشكىللەنگەن مەخسۇس ئۆمەك بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئۆمەك تەرەپتىن تەييارلانغان مېھمانخانىلارغا چۈشكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلار مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەقپىلىرىدىن پايدىلانمايۋاتماقتا ئىكەن.