زەينۇرە ئەيسانىڭ 'قار لەيلىسى' ناملىق شېئىرلار توپلىمى گېرمانىيىدە نەشر قىلىندى

شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ 25 يىلدىن بېرى چەتئەلدە يازغان شېئىرلىرى "قار لالەسى" يەنى قار لەيلىسى ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى.

0:00 / 0:00

بۇ شېئىرلار توپلىمى تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، كىتابقا شائىرە زەينۇرە ئەيسانىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن يازغان ھەسرەت شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

بۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان، يەنە بىر قىسمى بولسا تۈركچە يېزىلغان. شائىرە زەينۇرە ئەيسانىڭ بەزى شېئىرلىرى نېمىس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.