نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇش پىلانى بويىچە جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇنىڭدىن ئەندىشىدە. ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا قوش تىللاشتۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدىكى پروگراممىمىزنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولغاي.
قوش تىل مائارىپى كەلتۈرگەن كرىزىس
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپىنى رەسمىي ئىستراتېگىيىلىك پىلان سۈپىتىدە سىياسەت قىلىپ چۈشۈرۈپ يولغا قويۇۋاتقانلىقىغا 10 يىل بولدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى ئىككى مىليون 400 مىڭغا يېقىن. بۇلارنىڭ 40%تىن كۆپرەكى يەنى 994 مىڭ 300 نەپىرى ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپتا يەنى پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەنمەكتە. خىتاي كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بولسا بۇنى 100%كە يەتكۈزمەكچى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگىمۇ خىتايچە مائارىپنى پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش.
خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يولغا قويۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى تەجرىبىلىك ئۇيغۇر مائارىپچىلارنى پەقەت "خىتايچە دەرس ئۆتەلمەيدۇ" دېگەن باھانە بىلەن دەرس مۇنبىرىدىن يىراقلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتەك كرىزىس كۆرۈلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى جىددىي ئىجرا قىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇر مائارىپى نۆۋەتتە يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا ئۆز ئانا تىلى پەقەت ئانا تىل دەرسى ياكى تىل ئەدەبىيات دەرسى سۈپىتىدە ئۆتىلىدىغان، باشقا ھەممە دەرسلىكلەر خىتاي تىلىدا ئۆتىلىدىغان ھالەتكە كەلدى.
2003 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى سىناش ئىمتىھانىدا لاياقەتسىز باھالانغان ئوقۇتقۇچىلار 36%كە يەتكەن، بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىشتىن قالدۇرۇلدى. ئاز بىر قىسمى قوش تىللىق تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا قايتا تەربىيىلەندى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكنى جەمئىيەتتىن ئاساسلىقى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تولۇقلاشنى يولغا قويدى.
مائارىپ تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2006 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مەكتەپلەرگە جەمئىيەتتىن 11مىڭ 700 نەپەر خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلغان. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا يەنە 7000 ئوقۇتقۇچىنى قوبۇل قىلىپ ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىگە ئەۋەتتى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنى، بولۇپمۇ مائارىپچىلارنى قايىل قىلالمىدى. قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى، مائارىپ پەلسەپە ئىلمىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرلۈك جازالارغا ۋە بېسىملارغا دۇچار بولغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىلشات ئەپەندى ئەنە شۇنداق خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ بېسىمى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە دەپ چۈشەندۈردى:
خىتاينىڭ سۆز ئويۇنى
خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇنداق راۋان ئىجرا قىلىنغىنىمۇ يوق. ئۇ تۈرلۈك نارازىلىق ھەم قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار تۈرلۈك ماقالىلەرنى يېزىپ قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئىلمىي بولمىغان تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىدى.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان "خەنزۇ تىلىدا ئوقۇش ئېلىپ بېرىش"، "خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىش" دېگەندەك سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا يېقىندىن بۇيان "دۆلەتتە ئورتاق قوللىنىدىغان تىل"نى ئاساس قىلىش "ئاساسىي ئېقىمدىكى تىل"نى قوللىنىش دېگەندەك ئاتالغۇلار ئالماشتى.
ئىلشات ئەپەندى "خىتاينىڭ بۇ خىل سۆز ئويۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىشى بىزنىڭ قارشىلىقلىرىمىزنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، بۇ بىزگە بىر ئۈمۈدتىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ يەشتى.
ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى پەنلىرى ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ ئىلشات ئەپەندى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئۈمىد بارلىقىنى شۇنداقلا ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش، قوغداش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئاخىرغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.