'شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى' ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا 1953 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە "تۈركىستاننىڭ ئاۋازى" نامىدا بىر ژۇرنال چىقارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

1984 - يىلىغا كەلگەندە "شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى" نامى بىلەن چىقىشقا باشلىغان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان بۇ ژۇرنالنىڭ 71 - سانى يېقىندا نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.

بۇ ساندا 10 نەپەر ئىلمىي خادىمنىڭ ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنال تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كۆپ ساندىكى خەۋەر ۋە مەخسۇس پروگراممىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ساندا سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. ئابدۇخالىق چاي ئەپەندىنىڭ "خەلقئارا مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى"، سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. ئەخەت ئەندىجاننىڭ "شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا"، پروف. در. كەمال گۆدە ئەپەندىنىڭ "قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئۇيغۇر سۇلتانى ئالائەتتىن ئەراتنانىڭ رەھبەرلىك سەنئىتى"، پروف. در. سالىھ ئاينۇرال ئەپەندىنىڭ "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى"، پروف. در. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى"، در. مەريەم ھاكىمنىڭ "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى" شۇنىڭدەك نۇرى گۈرگۈر ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى" ماۋزۇلۇق ماقالىلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.

بىز "شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى" ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى ھامۇت گۆكتۈرك ۋە باش كاتىپى ئابدۇللا قاراقاش ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.