گەرچە بۇ كىتابنىڭ چوڭ ماۋزۇسى بولسىمۇ، لېكن كىتابقا قويۇلغان قوشۇمچە ماۋزۇغا، "شىۋېتسىيە مىسسيونېرلىرىنىڭ - 1892 - يىلدىن - 1938يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىپىلىرى" دەپ يېزىلغان.
كىتابنى ئاپتور جون خوتۋالل ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، 1981 - يىلى يۈممېسون كىتاب نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئاپتور بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا كۆپىرەك شىۋېتسىيە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللار، قوليازمىلار، خەت - چەكلەر، رەسىم، ئۇنالغۇ لېنتىلىرى ۋە شەخىسلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى رىئاللىقى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئەينەن يورۇتۇپ بىرىشكە كۆپ تىرىشقان.
گەرچە كىتاب شىۋېت مىسسيونېرلىرىنىڭ شەرقى تۈكىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، ئەمما كىتابنىڭ ھەر بىر ۋاراقلىرىدىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا، شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيتىىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ. بولۇپمۇ، كىتابنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرىدىكى بىر قانچە بابلىرى مەخسۇس شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئەينى دەۋىردىكى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ، - 20ئەسىرنىڭ 20 - ۋە - 30 يىللىرى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. كىتابقا ئاتاغلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ كىرىش سۆز ئورنىدا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپتور جون خوتۋاللنىڭ بۇ ئىلمىي ئەمگىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئاپتور ئۆزىمۇ كىتابنىڭ باشلانمىسى سۈپىتىدە باھا سۆزى يازغان بولۇپ، باھا سۆزىنىڭ باشلانمىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ: "شەرقى تۈركىستان ياكى 'شىنجاڭ رايونى' بۈگۈنكى كۈندە شەرقتىكى گېگانتلار دەپ ئاتىلىۋاتقان رۇسلار بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈيۈۋاتقان بىر نۇقتا بولۇپ، بۇ يەر تارىختىن بۇيان پەقەت سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەر خىل دىنلارنىڭمۇ ئۇچرىشىش نۇقتىسى بولغان ئىدى."
كىتابنىڭ بىرىنچى بابى: شەرقى تۈركىستان - يىگانە تۇپراق، لېكىن يەنىلا ئۇچرىشىش ئورنى، شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، خەلقلەر، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كۈرۈنۈشلەر، تارىخى ھەققىدە ،دىنىي ئېتىقادلار قاتارلىق بىر قانچە ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بابلاردا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇپەسسەل بايانلار بېرىلگەن.
ئاپتورنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان بايانلىرى ۋە نوقتىينەزەر ، مۇلاھىزىلىرى كىتابنىڭ - 6بابىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ باپتا، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەغلۇپ بولۇشى، تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقى، سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ... قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار تەھلىل قىلىنغان. "ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى خىتايلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلغان ئەركىن ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدى ... ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى - 1933 يىلى كۈزدە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەركىزى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ، ئەركىن شەرقى تۈركىستان ئىسلامى جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى" دەپ يازىدۇ ئاپتور كىتابىدا.
ئاپتورنىڭ كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئالدى بىلەن سۆۋېت ئىتتىپاقى، ئافغانستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىلىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سۆۋېىت ئىتتىپاقى بولسا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئىمپېرىيالستىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بولغان دەپ داۋراڭ سېلىپ ، ئەنگىلىيەنىڭ ئەنگىلىيە - خىتاي دوستلۇقىنى بۇزۇپ ھىندىستان ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىڭ شىسەي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشچە، شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇلۇشى ئىچكى جەھەتتە ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرسىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىن بولۇشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەنگۈدەك بىر مەنبەنىڭ بولماسلىقى بولسا، تاشقى جەھەتتە سۆۋىت ئىتتىپاقىدەك ئېمپېرىئالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەت ئويۇنىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىدۇر.
ئاپتور كىتابىدا ئەينى يىللىرى قەشقەردە تۇرغان ۋە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقىدا 3000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ۋە 1933 - يىلدىن 1934 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەردە ئاز دېگەندە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشچە ، بۇرۇن شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان بۇ ماكان شىڭ شىسەي دەۋىرىدىمۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالەتتە تۇرغان. سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانى ستالىن ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەنگىلىيە ياكى ياپونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شىڭ سىسەي ئارقىلىق بۇ رايوننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشقان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش بىر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە قوشۇۋېلىش غەرىزىدىمۇ بولغان، ئەمما گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سۆۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ستالىننىڭ بۇ چۈشىنى بەربات قىلغان.
ئاپتور كىتابىنىڭ كىيىنكى بابلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ خىلدىكى بايان ۋە مۇلاھىزىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ.
بىر قىسم ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشچە، بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم بىر ماتېرىيال مەنبەسى بولالايدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.