شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى پەسىللىك ئايلانما مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى

FC Uyghurstan پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل 2 - ئايدا شۋېتسىيە مەملىكەتلىك پۇتبول جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي رويخەتكە ئېلىپ "كورپېن لوڭقىسى" نامىدىكى گۇرۇپپىنىڭ ستوكھولىم رايونىدىكى پەسىللىك ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010.10.13
Shiwetsiyidiki-uyghur-putbol-komandisi-pesillik-aylanma-musabiqide-chimpiyon-boldi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﺍ.
http://fcuyghurstan.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ گۇرۇپپىدا جەمى 8 كوماندا بولۇپ، "ئۇيغۇرىستان" كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا پەقەت بىر قېتىم يېڭىلىپ قېلىش، قالغان مۇسابىقىلەردە ئۇتۇشتەك يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆز گۇرۇپپىسى بۇيىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر دەرىجە يۇقىرى گۇرۇپپىغا تاللانغان.

ھازىر بۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خەلقئارالىق ئىزدەش تورى بولغان گوگۇل تورىدىن ئىزدىسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.

رابىيە قادىر خانىم شۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا "ئۇيغۇرىستان " پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇلارغا مۇھىم سۆز قىلغان ئىدى.
Shiwetsiyidiki-uyghur-putbol-komandisi-ezaliri-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ.
http://fcuyghurstan.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

"ئۇيغۇرىستان " پۇتبول كوماندىسى چەتئەللەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە مەملىكەتلىك پۇتبول جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسىمىي ئەنگە ئېلىنغان بىردىن - بىر پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى شۋېتسىيە "ئا" دەرىجىلىك كوماندىلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش.

ئۇلار يېقىندا پۇتبول كوماندىسى تور بېتى ئېچىپ ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە رەسمىي يوللىدى، بىز بۇ ياشلارنىڭ ئىشلىرىغا بەركەت، تېنىگە كۈچ - قۇۋەت تىلەيمىز.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئابدۇۋەلىينى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.