ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە تەنقىدلەش دېگەنلەر بولۇپ تۇرىدۇ. شۇ ئېنىقكى، تۈزىتىش بېرىش ۋە ئىسلاھ قىلىش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەنقىدنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.
ئەمما تەنقىد بىراۋدىن ئۆچ ئېلىش ياكى ئۇتۇق قازانغان بىرىگە كۆز قىزارتىش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغاندا، ھەرگىز ئىجابىي نەتىجە بەرمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تەنقىد كۆرەلمەسلىكنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سەلبىي تەنقىد بولۇپ قالىدۇ.
مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غازالى «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
- كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ رەزىل ئىللەت ئىنسانلار يەر يۈزىگە پەيدا بولغاندىن بىرى مەۋجۇتتۇر. دۇنيادا شۇنداق ئىنسانلار باركى، بىراۋدا كامالەتنىڭ ئالامەتلىرى جىلۋىلەنسە ياكى ئاللاھ ئاتا قىلغان بىرەر تالانت ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇلار قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئىزتىراپ چېكىدۇ، تاكى بۇ ئارتۇقچىلىق يوقالمىغۇچە قەتئىي راھەت ئالالمايدۇ.
بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى كۆرۈمسىز گۈزەللىكنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت، ئەقىلسىز ئەقىلنى ئۆزى ئۈچۈن دۈشمەن دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكىدىكى«ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنىك «نۇرغۇن كىشىلەر مەدەنىيەت ياكى شۆھرەت ياكى ئۇتۇق جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلارنى قارىلاش ئارقىلىقلا ئۆزلىرىگە تەسەللى تاپالايدۇ» دېگەن ئىكەن.
كۆرەلمەسلەر ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ
مۇھەممەد غازالى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
قەدىمدە بىر ئەرەب شائىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن:
سەۋر قىلغىن ھەسەت قىلسا، سەۋرىڭ ئۇنى ئۆلتۈرەر،
تۈگەپ قالسا يېقىلغۇلار، ئوتمۇ ئۆزىن كۆيدۈرەر.
يەنە بىر شائىر مۇنداق دېگەن ئىكەن:
قاۋىغان ھەر بىر ئىتقا ئاتماق بولسا ئىدى بىردىن تاشنى،
بېسىپ چۈشەر ئىدى تاشنىڭ باھاسى ئالتۇن-كۈمۈشنى.
ئامېرىكىلىق يازغۇچىلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن:
-كىشىلەرنىڭ تىلىنى باغلاپ قويغىلى كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن كۈچۈم يېتىدىغان ئىشنى قىلىشنى بىلىۋالدىم، ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىرىگە ۋە مالامەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقتۇر.
ئامېرىكىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن بىرى ئىبراھام لىنكولىن «ئەگەر ماڭا كەلگەن تەنقىدلەرنى ئوقۇماقچى بولسام، مېنىڭ ۋاقتىمنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ئوقۇش ۋە رەددىيە بېرىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. شۇڭا مەن ماڭا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە پەرۋا قىلمايمەن. مۇھىم بولغىنى ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىشتۇر. چۈنكى مەن ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىپ، نەتىجە يارىتالىسام، ماڭا قارىتىلغان بۇ تەنقىدلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ» دېگەن ئىكەن.