ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەنىۋى ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن تەقدىرلىدى.

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى 9‏-ئاپرېل جەمئىيەت مەركىزىدە تەقدىرلەش يىغىنى چاقىرىپ، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ جەمئىيەتنى قوللاپ ئۇيۇشتۇرغان بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزگەن 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئادېلايد شەھىرىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ھەمدە مېھمانلار ھۆرمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان نورۇز سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىلىشى ئۈچۈن ئىككى ئايغا يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى مەنىۋى ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن تەقدىرلىدى.

كۈمۈش رەڭلىك لوڭقىلارنى قوللىرىدا تۇتقان مەكتەپ رەھبەرلىكى، ئوقۇتقۇچىلىرى مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلەرنى دىنىي، ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى جەھەتلەردىن تەڭ يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، سەنئەت كېچىلىكىدە ئالغان روللىرىنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان ئالتۇن رەڭلىك خاتىرە ئىزناكلىرىنى ھاياجان ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغان ياش ئوقۇغۇچىلار «ياخشى ئوقۇيمىز» دەپ ۋەدىلەر بېرىشتى.

مۇكاپات بۇيۇملىرىنى جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغوپۇر مۇمىن ئەفەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىس ھېكمەت ھەسەنوف ئەفەندىلەر تارقىتىپ بەردى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھېكمەت ھەسەنوف ئەفەندى ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيىگە 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا كىچىك ۋاقتىدا كەلگەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مانا مۇشۇ مەكتەپتە چىققانلىقىنى ئېيتىپ، مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە پېشقەدەم ئۇستازلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

مەكتەپ مۇدىرى نۇرمەھەممەت تۈركىستانى ئەفەندى مەكتەپ ۋە بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى: جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى 1992 ‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يار بەرگەن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، مەكتىپىمىزدە ھازىر 11 نەپەر كەسپى ئوقۇتقۇچى، 4 سىنىپقا بۆلۈنگەن 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىمىز بار.

تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى جەمئىيەت تەرىپىدىن تەييارلانغان مەززىلىك كاۋاپ ۋە ھەرخىل تائاملار بىلەن مېھمان بولدى.