مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا بىر-بىرىنى يوقلاش ئەنئەنىسى
2011.10.27
ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا بىرىنى يوقلىشىش ۋە ئىزدىشىش قۇرئان كەرىمىنىڭ تەبىرى بويىچە، سىلە-رەھىم دەپ ئاتىلىدۇ. سىلە رەھىم ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىشىشى بىلەن ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەممە بىرلىك ۋە ئىناقلىق ئىچىدە، بەختلىك ھايات سۈرۈشىگە كاپالەت قىلىدىغان بىر ئېسىل خىسلەتتۇر.
مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غازالى «مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلە-رەھىمنى داۋام قىلدۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىپ،‹كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى ئابرۇيىنىڭ مەڭگۈ قېلىشىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا سىلە رەھىم قىلسۇن.› دېگەن. ئۇرۇق تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي جەھەتتىن سىلە رەھىم قىلىش دېگەنلىك: ئۇرۇق تۇغقانلاردىن بىرەرسى ماددىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا پول مال ياردەم قىلىش، قەرزدار بولسا، ئۇنى ئۈزۈشكە ياردەم قىلىش، كېسەل بولسا، ئۇنى داۋالىتىش ۋە ئۇلاردىن بىرەرسى ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۈچى بىلەن ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن سىلە رەھىم قىلىش دېگەنلىك: ئۇرۇق تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىش، كېسەل بولسا يوقلاش، چاقىرسا ئۇلارغا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈش، خۇشاللىقلىرىنى تەنتەنە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشمۇ سىلە رەھىمنىڭ تۈرىگە كىرىدۇ. قۇرئان كىرىمى مۇسۇلمانلارنى ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىناق شەكىلدە داۋام ئېتىشكە ۋە ھېچبىر زامان ئۇرۇق تۇغقانلىقنى ئۈزۈپ قويماسلىققا چاقىرىدۇ. يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىمۇ كىشىلەرنى ئۆزئارا سىلە رەھىم قىلىشىشقا بۇيرۇلغانلىقى مەلۇم. قۇرئان كەرىمىدە: ‹ئۇرۇق تۇغقانغا، ئاجىز ئۇرۇق كەمبەغەلگە، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يولدا قالغان پولسىز مۇساپىرغا خەير ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىن.› دەپ كۆرسىتىلگەن. سىلە رەھىم قىلىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدەك، سۆز بىلەن، قۇرۇق سالام بىلەن ياكى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. بەلكى ئورۇق تۇغقانلارغا ئۆز نەپسىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن كېچىپ قوللىرىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ.»
سىلە رەھىم قىلىشنىڭ تەرتىپىنى
ئۇ يەنە مەزكۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ياخشىلىق ۋە ياردەم ئاۋۋال كىشىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىگە قىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئىمام نەۋەۋى سىلە رەھىم قىلىنىدىغانلارنىڭ مەرتىۋىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ‹سىلە رەھىمنى ئەڭ ئاۋۋال ئانىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ دادا ۋە چوڭ ئانىلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قىز ئوغۇل قېرىنداشلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغا ئاكىلار ۋە تاغا ئاچىلارغا ئۇنىڭدىن كېيىن قىز ئوغۇل قېرىنداشلارنىڭ ۋە تاغىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن قوشنىلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانا قاتارلىق قودىلىقتىكى تۇغقانلىرىغا قىلىش كېرەك. قوشنىلارغا سىلە رەھىم قىلىشتا، ئۇلارنىڭ سىلە رەھىم قىلغۇچىنىڭ ئۆيىگە يېقىن بولۇش ۋە ئۇزاق بولۇشىدىكى تەرتىپ بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېنىدىكى قوشنىغا سىلە رەھىم قىلىش يىراقتىكى قوشنىغا سىلە رەھىم قىلىشتىن زۆرۈردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋۋال يېقىندىكىسىگە، ئاندىن يىراقتىكىسىگە قىلىش كېرەك.› ئەمما، كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە يەنى ئايالىغا ۋە پەرزەنتلىرىگە قىلىدىغان چىقىملىرى‹سىلە رەھىم› نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى‹نەپىقە› نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. نەپىقە سىلە رەھىمدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تولۇق قامداپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باشقىلارغا سىلە رەھىم قىلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىماستىن باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن، تۇغقانلارغا ياردەم قىلىمەن دېيىش ياخشى ئەمەس.