3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات ژۇرناللىرى يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى

3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات ژۇرناللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. بۇ يىغىننى ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكى بىلەن خەلقئارا تۈرك مەدەنىيەتلەر بىرلىكى يەنى "تۈركسوي " ئىدارىسى بىرلىكتە چاقىرغان بولۇپ، يىغىن 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئەنقەرەدە داۋاملىشىدۇ.

0:00 / 0:00

يىغىنغا ئەزەربەيجان، بۇلغارىيە، گوللاندىيە، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇمىنىيە، تۈركمەنىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 33 ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرلىرى قاتناشتى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركسوي ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى دۈسسەن كاسسەئىنوۋ، ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەروغلۇ ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور مۇستافا ئىسەن قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

مۇستافا ئىسەن قىلغان سۆزىدە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەدەبىياتنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەروغلۇ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"بۇ 3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات ژۇرناللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 33 ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرلىرى قاتناشماقتا. بۇ يىغىننى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت تۈرك دۇنياسىدىكى ئەدەبىيات ژۇرناللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش. بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات ژۇرناللىرى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار ماقۇللاش. ھەرقايسى ژۇرناللار ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش."

ئۇ ئەدەبىياتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن باشقا دۇنياۋىيلىك ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"ئەدەبىيات پۈتۈن سەنئەتلەرگە ئوخشاش پەقەتلا بىر مىللەتكە خاس بولۇپلا قالماستىن، دۇنياۋىيلىككىمۇ ئىگە بىر سەنئەت ساھەسى. ئەدەبىيات ژۇرناللىرى ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەردىن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، تۈرك دۇنياسىدىكى يازغۇچىلارنىڭ بىر ‏- بىرىنى چۈشىنىشىگە شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىگە تۆھپە قوشماقتا. 1-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمىزدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ جەھەتتە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلغان ئىدۇق، بۇ قۇرۇلتايدا تۈرك دۇنياسى ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلىدىغان كىشىلەرنى باھالاپ چىقىمىز."