ئەخەت ئەندىجاننىڭ 'چەتئەللەردە تۈركىستان مۇجادىلىسى' ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

يېقىندا ئىستانبۇلدىكى ئەمىرە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتۇر ئەخەت ئەندىجان يازغان "چەتئەلدە تۈركىستان مۇجادىلىسى" ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.10.30
Turkistan-mujadilisi-Ehet-Andijan-kitap-305.jpg ، ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺧﻪﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

بۇ كىتاب كىرىش سۆز، 5 بۆلۈم ۋە بىر قوشۇمچىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاساسلىقى 20 ‏- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، شەرقىي تۈركىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنى، ئۇرۇش ۋە سىياسى ۋەزىيەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، كىتابتا ئەينى زاماندىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە سىياسى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان. 942 بەتتىن تەركىپ تاپقان كىتابتا يەنە،تۈركىستاندىن چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ 70 يىللىق سىياسىي پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

كىتابتا 1927 ‏- يىلى تۈركىستان مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان 'تۈركىستان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى' ناملىق تەشكىلاتنىڭ غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار يېزىلغان.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: 20 ‏- ئەسىر ئۇرۇش ۋە ئىشغالىيەت ئەسىرى بولدى. ئىككى چوڭ دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇزۇن زامان داۋام قىلغان ئىدېئولوگىيىلىك سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، مىليونلارچە ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە مىليونلارچە ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى. خۇسۇسەن سوۋىت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسىنىڭ كونترولى ئاستىغا كىرگەن مىللەتلەر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى.

كەلگۈسىنى باھانە قىلىپ بۈگۈنىنى قۇللۇققا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خام خىياللارغا قارشى چىقماي باش ئەگكەنلەر ھايات قالالىدى، قارشى چىققانلار بولسا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىدېئولوگىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ۋەتىنىنى مۇستەقىللىققە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ چەتئەللەرگە چىققان تۈركىستان زىيالىيلىرى بولسا دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى بەلگىلەيدىغان چوڭ كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇش مەيدانىدا يەمچۈك بولۇش پاجىئەسىگە دۈچ كەلدى.

كىتابتا يېزىلىشىچە، 1931 ‏- يىلى خىتاي بىلەن ياپۇنىيە ئۇرۇشۇۋاتقان مەزگىلدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە خوجىنىياز ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش پارتلاپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۇرۇشنىڭ پۈتكۈل رايونغا كېڭەيگەنلىكى ۋە ئۇرۇشنىڭ باشتا ياپۇنىيە قاتارلىق كۆپلىگەن كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كىتابتا يەنە 1920 ‏- يىلى تۈركىستاندا قۇرۇلغان تۈركىستان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى كېيىن چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، بۇ تەشكىلات جەنۇبىي تۈركىستاندا سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنمۇ پائالىيەتتە بولغانلىقى يېزىلغان.

كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىستان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئاساسلىقى ئۇ يەرنىڭ ئىلىم ‏- مەرىپەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە خىزمەت قىلغان. خىتايلارغا قارشى سىياسى ساھەدە بولسا ئاكتىپ ئەمەس ئىدى. ئەمما 1931 ‏- يىلى خىتاي ‏- ياپۇن ئۇرۇشى بولغاندا، بۇ ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ مانجۇرىيىگە ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى مەقسەت قىلغان ۋە ياپۇنىيە بىلەن ئالاقە قىلغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىستان مىللىي بىرلىكى ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ياپۇنىيەدىن تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ياردەم تەلەپ قىلغان:

1 ‏- شەرقىي تۈركىستاندا چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى مىللىي ۋە سىياسى ئىستىقلال پىكىرلىرىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ۋە مۇئەييەن بىر ۋاقىت ۋە باسقۇچقا قەدەم قويۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن بىر يەردە سىياسى گېزىت ۋە ژۇرنال نەشر قىلىش.

2 ‏- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە كەنتلىرىگە تەشۋىقاتچى ۋە تەشكىلاتچى ئادەملەر ئەۋەتىپ تەشكىلاتلار قۇرۇش.

تۈركىستان مىللىي بىرلىكى ھەرىكىتىنىڭ بۇ تەلىپىگە ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن، ئەمما 1935 ‏- يىلىدىن كېيىن پولشانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، ياپونىيىنىڭ پرومېتې ھەرىكىتى تۈركىستان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان.

كىتابتا يەنە، تۈركىستان مىللىي بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: تۈركىستان مىللىي بىرلىكى تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياش تۈركىستان ژۇرنىلىدا ماقالە يېزىش ئارقىلىق، تۈركىستان تۈرك ياشلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنلاردا، مۇستافا چوقاي ئوغلۇ تەرىپىدىن ئەنگلىيە، پارس، ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن. ياپۇنىيىدىن ياردەم ئالالمىغان بۇ تەشكىلات بۇ قېتىم ئەنگىلىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. تۈركىستان مىللىي بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەينى زاماندىكى رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەنگىلىيىدىن ياردەم ئېلىشنى قارار ئالغان ۋە تەشكىلات رەئىسى ئوسمان خوجائوغلۇ ئەنگىلىيىدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مۇستافا چۇقايغا خەت يېزىپ تەشكىلات نامىدا ئەنگىلىيىدىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ياردەم تەلەپ قىلىشنى ۋەزىپىلەندۈرگەن. مۇستافا چۇقايئوغلۇ ئەنگلىيە پادىشاھىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تەشكىلات نامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە يېزىلغان بىر مەكتۇپنى سۇنغان، ئەمما ئەنگىلىيىدىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن. كېيىن تۈركىستان مىللىي بىرلىكى تەشكىلاتى پولشادىنمۇ ياردەم تەلەپ قىلىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۆزلىرى بىۋاستە قول سېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تەشكىلات نامىدا بىر قانچە كىشى ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان ۋە 1933‏- يىلى 9 ‏- ئايدا تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى مۇجدەددىن دەلىل ئىستانبۇلدىن ھىندىستان يولى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان، ئەسلى سالاھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيىدە چىقىدىغان ئاخشام گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. مۇجدەددىن دەلىل قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن تۇڭگانلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. كېيىن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرنى كونترول ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن مۇجدەددىن دەلىل تۈرمىدىن ئازاد بولغان ۋە 3 يىل مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردىكى بەزى مەكتەپلەردە تەلىم ‏- تەربىيە ساھەسىدە خىزمەت ئىشلىگەن. كېيىن قەشقەردە تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن ۋە تۇڭگانلار قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن. رۇسىيە، خىتاي ۋە تۇڭگانلاردىن ئىبارەت ئۈچ دۈشمەننىڭ ئارىسىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مۇجدەددىن دەلىل 1937 ‏- يىلى 4 ‏- ئايدا قەشقەردىن ھىندىستان يولى ئارقىلىق ئىستانبۇلغا قايتقان. كىتابتا يەنە مۇجدەددىن دەلىلنىڭ 1937 ‏- يىلى قەشقەردە چۈشكەن رەسىمى قويۇلغان.

كىتابتا يەنە، تۈركىستان مىللىي بىرلىكى ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ياپۇنىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان مەكتۈپلىرىنىڭ ئەسلى قوليازمىلىرى ۋە تۈركىستاننىڭ 1920 ‏- يىللاردىكى خەرىتىسى كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا، 1933 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 مىليون ئىكەنلىكى يېزىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.