ئاپتور تۆمۈر غازى يەنى تۆمۈر ئېلىنىڭ بىپەرۋالىقى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپلار كeلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سوۋېتنىڭ ماللىرىنى ئالماسلىق
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە؛ مائارىپ ئىدارىسى ۋە ئەۋقاپ ئىدارىسى دارىلمۇئەللىمىن بىناسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلىشىدۇ. مائارىپ ئىدارىسى مائارىپ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس فورما كىيدۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ فابرىكىلىرىدا توقۇلغان رەختلەردىن ئوقۇغۇچىلىق فورمىسى تىكتۈرۈش تەشەببۇس قىلسىمۇ، لېكىن مۇسا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەرنىڭ ئۆزىدە يەرلىك ئۇستىلار تىككەن ماتالارنى بوياپ، شۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلار كىيىمى تىكتۈرۈش قارار قىلىنىدۇ.
كۆپچىلىك بىردەك ھالدا قەشقەرنىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشىنىڭ مىللىي توقۇمچىلىق سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم مىللىي سانائەتنى قەدىرلەش ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن قارارغا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مېلىنى سېتىۋالماسلىقنى بېكىتىدۇ.
تۇيۇقسىز كەلگەن سوۋېت ياردىمى
بۇ كۈنلەردە يەنە ۋالىي يۇنۇس بەگنىڭ پەرمانى بىلەن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بىلەن خەستىخانە ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان شىپاخانىنى باشقۇرۇش ئىشلىرى مۇسا ئەپەندى بىلەن ئابدۇللا خانغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار كېچە كۈندۈز ئىشلەپ، قەشقەردىكى مەزكۇر تۇنجى شىپاخانىنىڭ ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدە ياخشى تەسىراتلارنى قوزغايدۇ.
ئەنە شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ قىزىل كرېست دوختۇرخانىسىنىڭ ئايال دوختۇرى سىسيايوۋا ۋە بىر قانچە خادىملىرى بىلەن دوختۇرخانىغا كىرىپ كېلىدۇ ھەمدە 110 ئادەمگە يەتكىدەك سوپۇن، ياستۇق قاتارلىق ھەدىيە بۇيۇملىرىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ ھەدىيە بۇيۇملىرىنى تارقىتىۋاتقاندا موسكۋادىن كەلگەن رۇس ئادەم بۇلارنى ۋە دوختۇرخانىنى سۈرەتكە ئالىدۇ. مۇسا ئەپەندى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەگەر بۇنىڭ سىياسىي غەرەز ئۈچۈن بولسا، ھەددىيىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ ئايال دوختۇرىمۇ مەزكۇر شىپاخانىغا پات - پات كېلىپ، كېسەل كۆرۈش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تۇرىدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا تېخى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلمىغان بولۇپ، قەشقەر تۆمۈر ئېلىنىڭ رەھبەرلىكىدە تۇرۇۋاتاتتى. قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە كونسۇلخانىلىرى قەشقەر ۋەقەلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى جۈملىدىن پەرغانە ۋادىسى بىلەن چېگرىداش مەزكۇر رايوندا مىلىتارستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقنى ئاستىغا چۈشۈپ، بۇ جاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بازىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ئىدى.
تۆمۈر ئېلى قەشقەرنى ئىگىلەپ تۇرغان بۇ ۋاقىتلاردا قەشقەر يېڭى شەھەردە ماجەنساڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇنلارنىڭ تەركىبىدە تۇڭگانلاردىن باشقا يەنە جىن شۇرېننىڭ بىر قىسىم ئەسكەر - ئوفىتسېرلىرىمۇ بار بولۇپ، ھەربىي تەلىم - تەربىيىسى بىر قەدەر ياخشى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مادوتەي ئىبراھىم لوزۇڭ دېگەن كىشىنىڭ بېغىدا تۇردى ھەمدە يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ بىلەن مەخپىي ئالاقىلار ئورناتتى.
تۆمۈر غازىنىڭ بىپەرۋالىقى ھەم نادانلىقى بەختسىزلىككە يول ئاچتى
تۆمۈر ئېلى يەنى، تۆمۈر غازى گەرچە قەھرىمان قوماندانى بولسىمۇ، بىراق قەشقەرنى ئىگىلەپ تۇرغاندا بىر قاتار خاتالىقلارنى سادىر قىلدى. مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، مىللەت مەجلىسنىڭ قارارى بويىچە تۆمۈر ئېلىگە بارلىق ھەربىي ھوقۇقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەرىبىر مۈلكى ئىشلارغىمۇ ئارىلاشتى. ئاقسۇدىن ئائىلىسىنى ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتتى ھەمدە ئۆزى كۈن بويى ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ، ھەربىي ئىشلاردىمۇ ئەستايىدىل بولماي، مۇھىم ئىشلاردا بىپەرۋالىق قىلىشى كىشىلەرگە ياقمىدى. ئۇ يەنە يېڭى شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ تۈرلۈك شۈبھە ئىشلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. ئۇلار تومۇر ئېلىگە دوست كۆرۈنۈپ، ئاستىرىتتىن ئۆز تەييارلىقىنى پۇختا ئېلىپ باردى. ھەتتا مادوتەينىڭ مەخپىي پىلانى بويىچە ئىبراھىم لوزۇڭغا مىللىي قوشۇن تەشكىللەش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۆمۈر ئېلى بۇنىڭغا قوشۇلۇپلا قالماستىن بەلكى بۇ قوشۇننىڭ چىقىملىرىنىمۇ بەردى. قەشقەردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارنى بىلگەن مىللەت مەجلىسىنىڭ ئادەملىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن تومۇر ئېلىگە ئەھۋالنى ئۇقتۇرغان ھەمدە ھۇشيار بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاڭلىماي قويدى.
قەشقەر ۋەزىيىتى مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ تۇرغان بىر پەيتتە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەرگە كەلدى.
مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ئەسلىدە تۆمۈر ئېلى سابىت داموللامنىڭ قەشقەرگە كېلىشىنى قوللىمىغان بولۇپ، لېكىن سابىت داموللام ئۆزىنىڭ قەشقەرگە بېرىش پىكرىدە چىڭ تۇرغان ھەمدە ئاخىرىدا قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە قەشقەرنىڭ زىيالىيلىرى، ئۆلىمالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان شۇنىڭدەك قەشقەر ۋالىسى يۇنۇس بەگ بىلەنمۇ پات - پات كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمەتنى جۇمھۇرىيەت ئۇسۇلى بويىچە باشقۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان.
بىر كۈنى بىر بۆلۈك ھۆكۈمەت كىشىلىرى ۋە قەشقەردىكى بارلىق ئىلغار زاتلار بىرلىكتە يىغىن چاقىرغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ھۆكۈمەتنى جۇمھۇرىيەت ئۇسۇلى بويىچە باشقۇرۇش لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۆپچىلىك بىردەك ھالدا بۇنى قوللاپ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بىلەن مۇزەپپەر بەگكە مەخسۇس بىر پروگرامما تۈزۈپ چىقىش ۋەزىپىسى بېرىلدى. ئەتىسى رەسمىي يىغىن ئېچىلىپ، مەزكۇر پروگرامما مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە تۆمۈر بەگنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.
تۆمۈر ئېلى بىلەن سابىت داموللا ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار
سابىت داموللام ۋە شاھ مەنسۇر قەشقەرنىڭ ئىلغار كىشىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنى جۇمھۇرىيەت ئۇسۇلى بىلەن باشقۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ، مەخسۇس پروگراممىلارنى تۈزۈپ، جىددىي ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سابىت داموللامغا قارشى بىر قىسىم كىشىلەر ئاستىرىتتىن تۆمۈر ئېلىنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇنىڭ سابىت داموللامنى نەزەربەنت قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا يول ئاچتى.
1933 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۆمۈر ئېلى سابىت داموللام ۋە شاھ مەنسۇتنى تۇتۇپ، ئۇلارنى بىر باغقا نەزەربەند قىلىپ قويدى ھەم خوتەندىن كەلگەن ئەسكەرلەرنىڭ قوللىرىدىكى قوراللىرى ۋە چوماقلىرىنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھاپىز تۈئەنجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن يەركەنتكە ئەۋەتىپ، بۇ يەردىكى خوتەن پىدائىيلىرىنى قورالسىزلاندۇرماقچى بولدى، ئارقىدىنلا يەنە كىچىك ئاخۇن باشچىلىقىدا 300 كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتتى.
ھاپىز تۈئەنجاڭ باشچىلىقىدىكى بۇ قوشۇن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن يەركەنت، گۇما قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، داۋاملىق ھۇجۇم بىلەن خوتەننى ئالماقچى بولدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە تۆمۈر ئېلى قەشقەردە ماجەنساڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. مۇسا ئەپەندى بۇ كۈننى 1933 - يىلى، 29 - سېنتەبىر كۈنى دەپ يازىدۇ.
مۇسا ئەپەندىنىڭ خۇلاسىسى
مۇسا ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرگە ئېچىنىپ، بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: " تۆمۈر سىجاڭنىڭ بۇ قىلمىشى بىلەن مىللىي ئىستىقلال يولىدىكى كۈرەش سېپى خۇددى قانىتى يۇلۇۋېتىلگەن توخۇغا ئوخشاپ قالدى. دۈشمەنلەر تاماشا كۆرۈپ تۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىدلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئۆزئارا جاڭجالغا چۈشۈپ كېتىشى ھەر كىمنى ئېچىندۇردى. شۇ ئىشتىن كېيىن سابىت داموللام شاھ مەنسۇرلار يېقىنلىرى بىلەن بىرگە يار جاپاسىدىن، پەلەكنىڭ جەۋرىدىن شىكايەت، مىللەتنىڭ بەخىتسىزلىكىدىن ھېكايەتلەر قىلىپ، تەقدىرنىڭ ياخشى كۈنلىرىنى كۈتۈپ ياتتى."