مۇسا ئەپەندى: تۈركىستان پاجىئەسى (2)

يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا بېشىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقان ھەمدە كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ ۋاپات بولغان مۇسا تۈركىستانىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق كىتابى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.05
turkistan-fajiesi-kitap-305.jpg ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
RFA / Arslan

بۇ كىتابنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ھىلال ئەخمەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇسا ئەپەندى قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ مۇھىم شاھىدلىرىدىن بىرىدۇر.

ئىستىقلال جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ۋە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق ئەسلىمە كىتابىنىڭ باش قىسمىدا 1931 - يىلى قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن خوجا نىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭنىڭ تېز ئارىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا كېڭىيىپ، ئىلگىرى كېيىن خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلارنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى، جىنشۇرېن باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەينىڭ چىقىپ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار سىياسىي ۋەزىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغاندىن كېيىن، 1932 - يىلى، قۇمۇل ۋە خوتەن ئىنقىلابىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا قەشقەردىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلار، تەرەققىيپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر دىنىي زاتلار، قول - ھۈنەرۋەنلەر ھەم تىجارەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان "ئىستىقلال جەمئىيىتى" دەپ ئاتالغان بىر مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مۇسا ئەپەندى ئۆزىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ياخشى بىلگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، "ئىستىقلال جەمئىيىتى" گە قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە پەرغانىدىن كېلىپ، قەشقەردە يەرلىشىپ قالغان بىر قانچە نەپەر ئۆزبېكلەر ئىشتىراك قىلغان.

مادوتەي ۋە قوزغىلاڭ يانغىنى ئاستىدىكى قەشقەر

مۇسا ئەپەندى مۇنداق يازىدۇ؛ " خوتەندە بولغان ئىسياننىڭ خەۋىرى يىراق - يېقىنلارغا پۇر كەتتى، تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خوتەندە بولغان ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان، ئىنقىلابچىلار زەپەر ئۈستىگە زەپەر قازىنىپ، ياركەنتكە يۈرۈش قىلغان ھەمدە ياركەنت كونا شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، يېڭى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئاقسۇدىكى مۇجاھىدلار قەشقەرگە قاراپ كېلىۋېتىپتۇ، دېگەن خەۋەرلەر تارقالدى. شۇ چاغلاردا قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ ھەربىي قوماندانى ئۇرۇش مەيدانىغا بارماي تۇرۇپلا خىتايلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى، ئۇنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا قەشقەردىكى خىتايلار، تۇڭگانلار ۋە باشقىلار قاتناشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياڭ چىمىن سىجاڭ قارمىقىدىكى ئەسكەرلەرنى ئېلىپ، ئاقسۇدىن كېلىۋاتقان مۇجاھىدلارنىڭ يولىنى توسۇش ئۈچۈن مارالبېشىغا قاراپ يولغا چىقتى."

مۇسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ چاغدا قەشقەر ۋالىسى ماشاۋۋۇ يەنى مادوتەي ئەسكەر توپلاپ، ياڭ چىمىنغا ياردەم بېرىپ تۇرغان، ئۇ دائىم ئەسكەرلىرىنى كۆز - كۆزى قىلىپ، قەشقەر ئاھالىسىنى تىنچلاندۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاقسۇ تەرەپتىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ غەلبىسىېرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەشقەر تەرەپكە كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى توسۇپ قالالمىغان. ھەتتا مادوتەي يارىدار بولغان ئۆز ئەسكەرلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن قەشقەردىكى دوختۇلاردىن يىۋىلىنكا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى شاھى مەردان، شىۋىت دوختۇرى ئاندېرسون قاتارلىق ئادەملەرنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ياڭ چىمىنمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، يارىلىنىپ قەشقەرگە قېچىپ كېلىدۇ.

قەشقەرنى ئېلىش

مادوتەي قوزغىلاڭچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ئەتراپىدىكى تاغلاردا ياشايدىغان قىرغىزلاردىن ۋە قەشقەرلىكلەردىن قوشۇن تەشكىل قىلىدۇ. ئىستىقلال جەمئىيىتى بولسا ئاستىرىتتىن خەلقنى قوزغاشقا ۋە كۇچار تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان تۆمۈر غازى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ماسلىشىپ، شەھەرنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ئاخىرى 1933 يىلى، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تاڭ سەھەر ۋاقتىدا ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىرغىز قوشۇنى ئاتۇش تەرەپتە قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇر پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، ئاتلىق ھەم پىيادە قەشقەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ.

شەھەر ئىچىدىكى مادوتەيگە ئەسكەر بولغان ئۇيغۇرلار ۋە پەرغانىدىن كېلىپ، قەشقەردە يەرلەشكەن ھەمدە مادوتەيگە ئەسكەر بولغان ئۆزبېكلەرمۇ دەرھال ئىچىدىن ماسلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئاخىرى شەھەرنى ئالىدۇ. ئەمما، دوتەي يامۇلىنى ئېلىش قىيىنغا چۈشكەن بولۇپ، مادوتەي ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.