قەشقەردىكى تۆمۈر غازى دەۋرى ۋە مىللەت مەجلىسى
مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە،قەشقەر ئازاد قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي كۇچار تەرەپتىن كېلىۋاتقان تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، قەشقەرگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئارقىدىنلا تۆمۈر غازى بىلەن بىرگە شېڭ شىسەيگە قارشى ئۇرۇش قىلغان تۇڭگانلارنىڭ ما جەنساڭ باشچىلىقىدىكى قوشۇنىمۇ قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. مۇسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەتىجىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا ئۇرۇش بولماي، ئىتتىپاقلىق ئورنىتىلىدۇ.
مۇسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۆمۈر ئېلى قەشقەرنى ئالغاندىن كېيىن، ئىستىقلال جەمئىيىتى ئاشكارا پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، ئىستىقلال جەمىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەرنىڭ زىيالىيلىرى، بايلىرى، ئىلغار پىكىرلىك ئادەملىرى شۇنىڭدەك تۆمۈر ئېلى بىلەن بىرگە كۇچار، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن قوشۇن باشلىقى سۈپىتىدە تونۇلغان ئەربابلار بىرلىكتە قەشقەر مىللىي مەجلىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
مۇسا ئەپەندى " تۆمۈر غازى باشلىق بىر بۆلۈك ھەربىي قوماندانى، مەمۇرىيلار مىللىي مەجلىسىنىڭ پەخرى ئەزاسى بولدى، قالغان ئەزالار " ئىستىقلال جەمئىيىتى "نىڭ ئىلگىرىكى ئەزالىرى، قەشقەر، ئاتۇشنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇمۇشلۇقلىرى، مۇنەۋۋەرلىرىدىن تەركىپ تاپتى. مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارى بويىچە، تۆمۈر غازىنىڭ ئىلگىرىكى لۈيجاڭلىق ئۇنۋانى سىجاڭلىققا، ئوسمان ئېلىنىڭ ليەنجاڭلىق ئۇنۋانى لۈيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلدى. داموللا شەمسىدىن ئاخۇنوم قەشقەرنىڭ ھاكىملىقىغا سايلاندى، سابىق ۋالى مادارىننىڭ ۋالىيلىق خىزمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋالىيلىققا يۇنۇس بەگ سايلاندى.
مادارىننىڭ ۋالىيلىق خىزمىتى ۋە مۆھرىنى تېزدىن يۇنۇس بەگكە تاپشۇرۇپ، ئۆزى خالىغان بىر جايدا ئەركىن ياشىسا بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى. ئەمما، مادوتەي مىللەت مەجلىسىنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلمىدى" دەپ يازىدۇ.
مادوتەينى قەشقەرنىڭ بىر قىسىم كاتتا ،نوپۇزلۇق ئادەملىرى قوللىغان ئىكەن
مۇسا ئەپەندى نېمە ئۈچۈن ما شاۋۋۇ يەنە مادوتەينىڭ قەشقەر مىللىي مەجلىسىنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بارلىقى، يەنى، بىرىنىڭ قەشقەردىكى يۇقىرى قاتلامدىكى، كاتتا نوپۇزلۇق ئادەملەرنىڭ مادوتەينى قوللىشى، يەنە بىرىنىڭ يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرىنىڭ ئۇنى قوللىغانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، مادوتەينى قوللىغان بۇ قەشقەرلىكلەر مادوتەينىڭ قەشقەر كونا شەھەردە بۇرۇنقىدەك دوتەي بولۇپ تۇرىۋېرىشىنى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ھەممە تەرەپ ئۆزارا ئىتتىپاقلىشىپ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى مادوتەينىڭ ئىلگىرىكى يۇرت باشقۇرۇشى، يۇرت چوڭلىرى ۋە بايلار ئالدىدا ياخشىچاقلىقى، قەشقەردىكى بايلار ۋە تىجارەتچىلەرنى مادوتەيگە مايىل قىلىپ قويغان ئىدى.
مادوتەي مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، مىللەت مەجلىسى كۈچ ئىشلىتىپ، مادوتەينىڭ دوتەي يامۇلىنى قورشىۋالىدۇ، مادوتەي قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جەڭ پارتىلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماجەنساڭ ئارىغا چۈشۈپ، مادوتەينى مىللەت مەجلىسىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىشقا كۆندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مادوتەي يامۇلنى بوشىتىپ، بارلىق پۇل - مال ۋە باشقا پۇللۇق، باھالىق نەرسىلەرنى مەپىلەرگە سېلىپ، سەمەندىكى ئىبراھىم لوزۇڭنىڭ بېغىغا چىقىپ كېتىدۇ. تۆمۈر ئېلى يامۇلغا كىرىپ، ئۇنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە يۇنۇس بەگمۇ ۋالىيلىق خىزمىتىگە كىرىشىدۇ.
مۇسا ئەپەندى تۆمۈر ئېلىنىڭ مادوتەينى قويۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، " مۇستەبىت چىڭ ھۆكۈمىتىگە 18 يىل ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان، مۇجاھىدلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان دۈشمەن مادوتەيگە تۆمۈر سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ نىزامىدىن ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئازادلىق بېرىلىپ، سەمەندىكى باغقا قويۇپ بېرىلدى" دەپ خۇلاسىلايدۇ.
يۇنۇس بەگنىڭ ئىككى ئىشى
شۇنىڭدىن كېيىن، ۋالىي يۇنۇس بەگ بىر قاتار مۇھىم ئىشلارغا كىرىشكەن بولۇپ، يۇنۇس بەگنىڭ تۆمۈر ئېلىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇش بولۇپ قالىدۇ، مائارىپ ۋە ئەۋقاپ ئىشلىرى مۇدىرلىقىغا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قويۇلىدۇ.
يۇنۇس بەگنىڭ ئىككىنچى قىلغان ئىشى قەشقەر ئىشغال قىلىنغاندا قۇرۇلغان خەستەخانا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنرەك قۇرۇلغان قىزىل ھىلال ئاي جەمىيىتىنى رەسمىي دۆلەتلىك ئورگان قىلىپ بېكىتىشىدۇر. ئابدۇكېرىم خان مەخسۇم تۇنجى بولۇپ، قەشقەر نوبېشىدىكى بۇتخانىنىڭ بىر قىسىمىنى بۇزۇپ، قايتىدىن ياساپ، دارىلمۇئەللىمىنگە ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىمغا، تۆمۈر ئېلى، ۋالىي يۇنۇس بەگ قاتارلىق قەشقەرنىڭ بارلىق ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى، ئىلغار كىشىلىرى قاتنىشىدۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ، دارىلمۇئەللىمىندە دەرس باشلىنىدۇ.