ئۇيغۇرلار ئانا تىل مائارىپىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان "قوش تىل مائارىپى" سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۆرۈپ - ئادەت تەربىيىسى مىللىي مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاتا - ئانا ۋە زىيالىيلىرى، "قوش تىللىق سىنىپ" نامىدىكى بۇ خىلدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنىڭ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىپ، ئانا تىل مائارىپىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە قارىماي، رايوندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن قوشۇۋېتىلدى. "قوش تىللىق سىنىپلار" شەھەرلەر، ھەتتا يېزىلاردىمۇ كۆپلەپ ئېچىلدى ۋە داۋاملىق ئېچىلماقتا.

قىزى قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئانا، نۆۋەتتىكى "قوش تىللىق سىنىپ" لاردا بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرى خىتاي تىلىدا ئۆتۈلگەندىن باشقا، تارىخ ۋە سىياسەت قاتارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىمۇ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقىنى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە ئوقۇشنى خالايدىغان بالىلارنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ ھازىر قوش تىللىق سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس ئۆرۈپ - ئادەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ مەكتەپلەرنى قوش تىللىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرى ئۆزگەرتىشىگە نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى زىيالىيلار ئارىسىدا نارازىلىق كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالمىغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەلۇم بىر مەكتەپ مۇدىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ شۇ يەرنىڭ شارائىتىغا توغرا كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا پەقەت قۇلاق سالمايلا قالماستىن، بەلكى نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى باستۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۇرغۇن ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، رايوندا "قوش تىللىق مائارىپ" نامىدا خىتاي تىلى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئۆز رولىنى يوقىتىشىدا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قاھار بارات ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىنى قوغداشقا چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.