ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

ئادېلايد شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر مۇزېيىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەختىيار
2011.06.09
awstraliye-uyghur-korgezme1-305.jpg ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 2011-يىلى 6-ماي.
RFA/Bextiyar

مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئېچىلغان بۇ كۆرگەزمە شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىشى، جامائەتتىن يىغىلغان ۋە ئۆزىدە بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تارىخىغا ئائىت كىتابلار، كىيىم-كېچەكلەر، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە رەسىملەر قاتارلىق مىڭلارچە ماتېرىياللار ئىچىدىن مۇۋاپىقلىرىنى تاللاش، رەتلەش ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان.

awstraliye-uyghur-korgezme2-385.jpg
ئاۋسترالىيىنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 2011-يىلى 6-ماي.
RFA/Bextiyar

كىرىش ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە «ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە» دېگەن خەت، باشلىرىغا دوپپا، ئۈستىگە چەكمەن ۋە ئەتلەس كۆڭلەك كىيىشكەن قامەتلىك يىگىت ۋە گۈزەل قىزلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پلاكات ئېسىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى، يەر مەيدانى، تاغ-دەريالىرى، بايلىقى چۈشەندۈرۈلگەن، ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مۇھىم يىلنامىلەر، مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت نەمۇنىلەر ئىخچام ئىزاھلانغان، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كېلىش تارىخى يېزىلغان، ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى شەرھلەنگەن تاختىلار ئېسىلغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى تارىخى، ئەدەبىي، دىنىي كىتابلىرى، قول ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ئابىدىلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، تاماق مەدەنىيىتى، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق گۈللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ماتېرىياللار رېتى بىلەن تىزىلغان. شەرقى تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كۆرگەزمىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ كۆرگەزمە 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.