تۈركىيىدە `خەلقئارالىق ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغان ۋە تۈرك مەدەنىيىتى` ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئافيون ۋىلايىتىدە `خەلقئارالىق ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغان ۋە تۈرك مەدەنىيىتى` ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا 20 دۆلەتتىن 60 ئىلىم ئادىمى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا باشقۇرت مىللىتى يېتىشتۈرگەن داڭلىق تارىخچى، سىياسىيون ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ھاياتى، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە سىياسى كۈرەشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.

ئەھمەت زەكى ۋەلىدى توغان 1910 - يىلىدىن 1920 - يىلىغىچە باشقۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن رۇسلارغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان مۇھىم بىر شەخس. ئۇنىڭ تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن يازغان `ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش' ماۋزۇلۇق ئەسىرى تارىخ تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە 8 پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلغان بولۇپ، تارىخچى دوكتور ئۆمەر قۇلنىڭ `تۈركىستان داۋاسىنىڭ دەۋىر بۆلگۈچ نۇقتىسى` ماۋزۇلۇق دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىن مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.