9-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدە 13-نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بايرامغا ئاماسياغا 700 يىل بۇرۇن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىيىگە كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرىلىك ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 5000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بىز بۇ سەنئەت بايرىمى جەريانىدا بايرام ھەققىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى نېمە بىلەن قامدايدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ناھىيە باشلىقى مۇرات ساتىلمىش ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
خەلقىمىز يېزا-ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. خەلقىمىزنىڭ كۆپى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاماسيا ۋىلايىتى تۈركىيە بويىچە چارۋىچىلىقتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئىنسانلىرىمىزنىڭ كۆپى تۇرمۇشىنى چارۋىچىلىق بىلەن قامدىسىمۇ بىزنىڭ مېۋە-كۆكتاتلىرىمىزمۇ داڭلىق. بۇ رايوننى گۆش ۋە كۆكتاتلار بىلەن تەمىنلەيمىز.
مۇرات ساتىلمىش ئەپەندى بۈگۈنكى فېستىۋالدا ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن يېقىنقى يىللاردا تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بىر يەردە جەم بولدۇڭلار، نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى تېپىۋالدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مۇناسىۋىتىمىز داۋاملىشىدۇ. مەن بۇ جەھەتتە قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. تۈركىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك قۇرۇش، ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىندىن چۈشىنىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ مەلۇماتىم يوق، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىسى بولۇشنى خالايمەن.»

ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچىسىز دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىرچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە 7400 ئۇيغۇر قېرىندىشى بار. پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن. رادىئومىز ئارقىلىق ئۇلارغا ھۆرمىتىمنى، سالىمىمنى يوللايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يەردە، ئۇلارنى ئۇنتۇمىسۇن.»

ئەمىنە ئەردال ئىسىملىك بىر ئايال، سىز كىم بولىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىز بۇ يەرلىك ئۇيغۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپتىكەنمىز. دادام 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، دادام بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى دەيتتى. مېنىڭ قىزىم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى كۆرۈپ كۆڭلى بەك يېرىم بولىدۇ.»
ئەمىنە خانىمنىڭ تۈركىيە بولۇ ئىززەتبايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان قىزى گۈلىزار رادىئومىزغا ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئۇيغۇر دۆلىتى، ئۇيغۇر دېگەن سۆزلەرگە بەكلا قىزىقاتتىم. تېلېۋىزىيىلەردىن 2-3 قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇپ، مەكتىپىمىزدە ئۇيغۇرلارنى تونۇتاي دەيمەن. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايمەن.»
ئۇيغۇر ناھىيىسىدە بۇرۇن ئوقۇغان كىشىلەر ئاز بولغاچقا ئۆز تارىخىنى تەتقىق قىلغانلارمۇ بولمىغان، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. بۇلاردىن بىرى سامسۇن 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى سادىق تۇرال.
ئۇ ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا بۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلار 1300-يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ رايوندىكى خەلققە ماسلاشقان. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا قارىغاندا بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارماقچىمەن.»
سىز تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچى ئىكەنسىز، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقچىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«مەن بۇ ھەقتە فاكۇلتېتىمىزنىڭ مۇدىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تارىخ ئارخىپخانىلىرىغا كىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت يوق ئىكەن. ئەمما ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىنى تارىخ ئارخىپخانىلىرىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. شۇڭا مەن كېيىنكى يىللاردا تارىخ ئارخىپلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلماقچىمەن. ھازىرمۇ داۋاملىق ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كىتابلارنى ئوقۇۋاتىمەن.»