3-دېكابىر كۈنى ئالماتادىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك مۇزىكىلىق ئۇيغۇر تىياتىرىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، سەنئەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش بالېتچىسى گۈلنارە سائىتوۋانىڭ رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ باشلىنىشى، ئەنئەنىلىرى، سەھنىدە گەۋدىلىنىشى» ناملىق ئىلمىي مونوگرافىيىسىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
مەزكۇر ئەمگەك قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، مۇراسىمغا قازاقىستان سەنئىتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى، سەنئەتشۇناسلىق پروفېسسورى بولات ئايۇخانوف، داڭلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىرى خالىدەم جەلىلوۋا، تۇرسۇنئاي ئىمىنوۋا، شۇنداقلا سەنئەتشۇناس ئالىملار، زىيالىيلار، تىياتىر كوللېكتىپى ۋە باشقىلار قاتناشتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ باش دىرىژورى ئازاد بۇرھانوف گۈلنارە سائىتوۋانىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.