ئۇيغۇر سەنئەتكارى سادىقجان يۇنۇسوف: سەنئىتىمىزنىڭ شەكلى مىللىي بولۇش كېرەك

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مائارىپىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈندىكى ئىقتىسادى شارائىتنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماستىن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مىللىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنى قۇرۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلىرىنىڭ مىللىي سەنئەتكە بولغان مۇناسىۋىتى قانداق، ئۇلار نېمىگە كۆپرەك ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ ھەم قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە سەنئەتكار سادىقجان يۇنۇسوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۆھبىتىمىزدە بولدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.