ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتى خەلقئارا فېستىۋالدا كۆرسىتىلمەكتە

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت ۋە ۋەخىپ ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.

0:00 / 0:00

17 - چېسلا داڭلىق ناخشىچى داۋۇت گۈلوغلىنىڭ كونسېرتى بىلەن باشلانغان فېستىۋال 26 - چېسلا داڭلىق ناخشىچى سىبەلجاننىڭ كونسېرتى بىلەن ئاخىرلاشماقچى. فېستىۋالدا تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە سەنئىتىنى تونۇتماقتا.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىككى ۋىلايىتى بىلەن بىر تۈركىي جۇمھۇرىيەت ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلار 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتمەكچى.

Uyghur-medeniyet--seniti-xelqara-estiwalda-rayon-bashlighi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﺗﯩﻤﻪﺳﮕﯘﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺩﻩﻣﯩﺮﯦﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىكى بۆلۈملەر ئىچىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئەڭ باي مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇتۇلماقتا. بۇ بۆلۈملەرنى ھەر كۈنى 7 - 8 مىڭ كىشىنىڭ زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نەق مەيداندىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.