0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق تىياتىرى نويابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ يىللىق پىلانىنى «ئانارخان» ناملىق كلاسسىك دراما ئەسىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن باشلىغان ئىدى. ھازىر تاماشىبىنلار ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولماقتا. ئۇيغۇر تىياتىرى بۇنىڭدىن تاشقىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش مەركىزىگە ئايلانغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى رېژىسسورى مۇھىت ھېزىموف تىياتىرنىڭ يىللىق پروگراممىلىرى ھەققىدە توختالدى.