2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان بۇ يەرمەنكىدە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-كىيىملىرى قويۇلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن لەڭمەن، پولۇ، مانتا، سامسا، سېرىق ئاش، لەڭپۇڭ ۋە پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرى شۇنداقلا ھەر خىل ئەر -ئايالچە كىيىم-كېچەكلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل ئەشيالار يەرمەنكىدە ئەرزان باھادا سېتىلدى. بۇ يەرمەنكىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار ھەمكارلىشىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆيلىرىدە ئۇيغۇرچە تائاملارنى پىشۇرۇپ ئەكېلىپ ئىئانە قىلدى.

بۇ يەرمەنكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي كىرىم قىلىش مەقسىتىدە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئېھتىياجلىق بولغان ئۇيغۇرچە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ھەر خىل نەرسە-كېرەكلەر سېتىلدى. بۇ يەرمەنكە 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ تەلەپ ۋە تەشەببۇسى بىلەن ۋاقىتنى بىر ھەپتە ئۇزارتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بۇ يەرمەنكىنى كۆپ ساندا كىشىلەر قىزىقىپ زىيارەت قىلماقتا.
بۇ يەرمەنكىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، چوڭ ھەجىمدىكى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئىككى قاتار قىلىپ تىزىلغان ھەر خىل ئەشيالارنى كىشىلەر تاللاپ مۇۋاپىق كۆرگەنلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالدى. چېدىرنىڭ ئەتراپىغا شەرقىي تۈركىستان يەرمەنكىسىگە خۇش كەلدىڭىز دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان، چېدىرنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن تۈرك بايرىقى ئېسىلغان.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى كىرىم قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.