تۇرغۇن ئالماسنىڭ 'ئۇيغۇرلار' ناملىق ئەسىرى تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى

ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار ناملىق ئەسىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى "سەلەنگە" نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. در. ئاھسەن باتۇر ئەپەندى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر 3 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈم ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىككىنچى بۆلۈم قاراخانىلار ۋە ئۈچىنچى بۆلۈم ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىدىن ئىبارەت.

0:00 / 0:00

ئەسەر 445 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەسەرنىڭ تاش ۋارىقى قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ لايىھىلەنگەن ، تاش ۋارىقىغا ئاق ئات مىنىپ كېتىۋاتقان مەرگەننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسىرى 1990 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.

1924 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن تۇرغۇن ئالماس، 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا ئورۇنلاشقان تۇرغۇن ئالماس، 1940 - ۋە 1970 - يىللىرىدا تۈرمىگە قامالغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن "تۇتقۇن"، "تەنلىرىم ياپراق"، "ئانا تۇپراق" دېگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.

داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن باشقا "ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"، "ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى" ۋە "قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" ناملىق ئەسەرلىرىمۇ نەشىر قىلىنغان.

يازغۇچى ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق ئەسىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئاھسەن باتۇر ئەپەندى، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولدى؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: "مەن ئۆزبېكىستاندىكى ۋاقتىمدا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇيغۇرچىسى مەندە يوق ئىدى. جېلىل تۇران ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دوستۇم ئۇيغۇرچىسىنى بەردى. بۇ كىتابنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنىمۇ تاپتىم. ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنماسلىقى بىر ئەيىپ ئىدى. مەنچە بۇ كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بىر بوشلۇقنى تولدۇردۇق."

در. ئاھسەن باتۇر ئەپەندى بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىمۇ يازدىم. ئاساسىي پايدىلىنىش كىتابى دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى تۇرغۇن ئالماس خىتايچىنى ياخشى بىلگەچكە، خىتاي مەنبەلىرىدە مۇنداق دېيىلگەن دېمەي، كۆپرەك ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر ئالاھىدە بىر ئەسەر. يەنى تارىخچىلار پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ قوللانسا بولىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.