تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسىرى 1989 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، داڭلىق شائىر، تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ `ئۇيغۇرلار` ناملىق كىتابى بۇلاردىن بىرى ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق باش سېكرىتارى دولقۇن ئەيسا ۋە د ئۇ ق نەشرىيات بۆلۈمى باشلىقى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
د ئۇ ق نەشرىيات بۆلۈمى مەسئۇلى جېلىل تۇران ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ `ئۇيغۇرلار` ناملىق كىتابى 89 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇيالمىغانلىقىنى، شۇڭا قايتا نەشر قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كىتابنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۇرغۇن ئالماسنىڭ `ئۇيغۇرلار` ناملىق ئەسىرى ئىككى ھەپتە بۇرۇن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سەلەنگە نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.
1924 - يىلى قەشقەردە دۈنياغا كەلگەن تۇرغۇن ئالماس، 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىدا ئولتۇراقلاشقان، كېيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان تۇرغۇن ئالماس، 1940 - ۋە 1970 - يىللىرىدا ئۇزۇن يىل تۇرمىغا قامالغان. ئۇنىڭ `تۇتقۇن' ،' غېرىپ موماي' ، ' جەمىلە' ،' ئىككى تامچە ياش' ،' ياشلىقىم' ، ' تەنلىرىم ياپراق' ،' ئانا تۇپراق` قاتارلىق نۇرغۇن شىئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ `تەنلىرىم ياپراق` ناملىق شېئىرى خەلق ئارىسىدا ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ ۋەتەننىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارالغان.
داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە، `ئۇيغۇرلار`، `ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى`، `ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى'، `تۈركلەر` ۋە `قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى` قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلەرنى يازغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.