بۇ كىتاب 2008 - يىلى ياپونىيىدە نەشىر قىلىنغان مىليونلارچە كىتاب ئارىسىدىن تاللىنىپ ئالاھىدە مۇكاپاتقا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن.
بۇ ياپونىيىدىكى كۈندىلىك خەۋەر گېزىتى بىلەن ئاسىيا تەتقىقاتلىرى تەسىس قىلغان مۇكاپات بولۇپ، بۇ يىل بىر ئەسەر ئالتۇن، قالغان 3 ئەسەر بولسا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەر تەيۋان مەسىلىسى ھەققىدە، ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن بىرى مىزۇتانى نائوكو خانىم يازغان "خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتاب، يەنە بىرى بولسا خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناملىق كىتاب، ئۈچۈنچى ئەسەر بولسا خىتايلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى كىتاب ئىكەن.
بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكى 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپات 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى رەسمى مۇراسىم بىلەن تارقىتىلىدىكەن.
بىز بۇ مۇكاپات ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى مىزۇتانى نائوكو خانىم ۋە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى مۇرات ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.