ياپونىيىدە 'باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر' ناملىق رومان نەشىر قىلىندى

2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىنىڭ مادوكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر" ناملىق رومان ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىرى، يازغۇچىسى ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1985 - يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىز" ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن "ئويغانغان زىمىن" ناملىق رومانلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ياپونلۇق تەرجىمان ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتىخەىسىس ئاياكو ئازۇما بۇ ئىككى تارىخىي رومانى بىرلەشتۈرۈپ 28 باپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان. رومان 397 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ روماننىڭ ئىچكىي قىسىملىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىى تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۇرەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

روماننىڭ بىرىنچى بېتىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىلىك خەرىتىسى قويۇلغان بولۇپ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا خىتايدا چەكلەنگەن كىتاب دېگەن جۈملە يوغان قىلىپ يېزىلغان.

بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتى مۇتىخەىسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.