"ساغلام بولۇڭ" بلوگى كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولماقتا

دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى سەھىيە ساھەسى بويىچە چەتئەلدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە تەسىس قىلغان "ساغلام بولۇڭ" ناملىق بلوگ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەقىدە
2011.02.09

ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن "ساغلام بولۇڭ" دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر بلوگ ھازىرلىغان بولۇپ، مەزكۇر بلوگدا "ساغلاملىق مەسىلىلىرى" ۋە "ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر" دېگەن ئىككى چوڭ تۈر بويىچە، نۆۋەتتە كىشىلەر ئەڭ كۆپ دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر كېسەللىكلەر، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە ئىلمى ساۋاتلار ھەمدە بۇ كېسەللەرنى قانداق داۋالاش كېرەك، بۇ خىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق بىلىملەر بېرىلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سادىر بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مۇخبىرىمىز بىلەن بولغان تەپسىلىي سۆھبەتنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.