خىتايدا يېڭى تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تارقالماقتا

خىتايدا بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ، يېڭى تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغانلار كۆپەيگەن، بولۇپمۇ چاغان مەزگىلىدە بۇ خىل زۇكام بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە تېزلىكتە تارقىلىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.08
sars-305.jpg خىتايدا كىشىلەر سارستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقاپ يۈرمەكتە. 2003-يىلى 30-مارت.
AFP

نۆۋەتتە سەھىيە خادىملىرى بۇ خىل زۇكامنىڭ سارس ھەم چوشقا زۇكىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر خىل ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تىز سۈرئەتتە تارقىلىشقا باشلىغان يۇقۇملۇق زۇكام، نۆۋەتتە چوشقا زۇكىمىنىڭ يەنە بىر تۈرى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلارغا يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن داۋالىنىشقا كەلگەن كېسەللەر سانى زىيادە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى نۇرغۇنلىغان دوختۇرخانىلار چاغان مەزگىلىدىكى دەم ئېلىشنى بىكار قىلغان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى دوختۇرى رۇڭ دوختۇرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دوختۇرخانىغا يۇقۇملۇق زۇكام سەۋەبىدىن كەلگەنلەرنىڭ 80~90% بالنىستقا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، دوختۇرخانىدىكى نەچچە يۈزلىگەن كارىۋات كېسەللەر بىلەن تولغان ئىكەن.

رۇڭ دوختۇر مۇخبىرغا بۇ قېتىم تارقالغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلاردا تۇيۇقسىز قىزىش، ئېغىر ھالدىكى نەپسى بوغۇلۇش ئالامەتلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىلگىرى خىتايدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان سارس، چوشقا زۇكىمى قاتارلىقلارنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىكى سەھىيە ئىدارىلىرىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خوڭكوڭ ھەم تەيۋەندە جەمئىي 18 كىشى يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۆلگەن، يەنى خوڭكوڭ تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە خوڭكوڭدا 9 كىشى يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. تەيۋەن تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا، چاغان مەزگىلىدىلا 9 كىشىنىڭ يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى بېكىتىلگەن.

بېيجىڭ سەھىيە ئىدارىسىمۇ 8-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى كەچتە دوكلات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 4 نەپەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. سەھىيە ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا بۇ قېتىم تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا قىزىش، يۆتىلىش، نەپسى بوغۇلۇش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆتكەن ئايدىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرىدە 160 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا زۇكام سەۋەبىدىن تەكشۈرتۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 6000 نەپىرىگە يۇقۇملۇق زۇكام دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، 195 كىشىنىڭ يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمىنىڭ پۈتۈن خىتايغا تارقىلىش ئېھتىمالى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرى 8-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى جايلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تىپلىق چوشقا زۇكىمىنىڭ تېزلىكتە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردە، چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.