ئۈرۈمچىدە ئەيدىزدىن جىددىي سىگنال

ئۈرۈمچىدە 1995 - يىلى تۇنجى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن بۇيان، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە تېز ئېشىپ بارماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.04.01
uyghur-elide-eydiz-305.jpg ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﭼﯧﻜﻪﺭﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئۈرۈمچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، قالايمىقان جىنسىي پائالىيىتى بار كىشىلەر، تۇرمۇشى قالايمىقان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى نورمال شەھەر ئاھالىلىرى، تۇرمۇشى تەرتىپلىك كىشىلەر توپى، ھامىلدار ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار قاتارلىق ئادەتتىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدىمۇ بايقالماقتا، مانا بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نەقەدەر كەڭ دائىرىدە تارقىلىۋاتقانلىقىنىڭ جىددىي سىگنالى، ھالبۇكى ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزگە يېقىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىزلىقى، كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 - يىلدا ئۈرۈمچىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 1087 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 25615 غا يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى چىقىرىش ئۈچۈن بۇ ساننى ئالتە ھەسسىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۈرۈمچىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا يەنى ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىزلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 34.5% تىنى تەشكىل قىلىدۇ. سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى يەنى ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار ئاساسەن 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلار بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 78% تىن يۇقىرى. قان ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار 83% كە يېقىن.

بۇ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى يېڭى ئىستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولغان يەنە بىر خەتەرلىك ئەھۋال، ئەيدىزنىڭ ئاياللار ئارىسىدا ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تېز تارقىلىۋاتقانلىقىدۇر. شۇنداقلا ئەيدىز تارقىلىش يوللىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك پەقەت زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا شىپىرىش يىڭنىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ياكى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش يوللىرى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ قان ۋە باشقا يوللار بىلەنمۇ ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا تارقىلىۋاتقانلىقىدىندۇر. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يامرىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈرۈمچى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ ھايات پائالىيىتى كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىز قوغلاشقا ئىلاجىسىز بولغانلىقتىن بۇ ئۈرۈمچىگە تارالغان ئەيدىزلەر توپىنىڭ قايسى جايلاردا، قانداق ۋاقتتا قانداق يەنە قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزىدىن باشقىلارغا يۇقتۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

دېمەك ئەيدىز ۋىرۇسى ئۈرۈمچى كىشىلىرى ئارىسىدا، ھەر بىر قېرى - ياش، قىز - ئوغۇللارغا يېقىن تۇرماقتا.

تۆت مىليونچە ئادەملەر قاينىمىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ ۋابا، بىخارامان كېڭەيمەكتە، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى كۆپرەك ئاممىۋى سورۇنلار، پار مۇنچا، ئۇۋۇلاش ئۆيى، لاياقەتسىز شەخسىي دوختۇرخانىلار، قالايمىقان بەزمىخانا قاتارلىق جايلاردا ئەيدىز تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا.
 
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ھورداقخانىدا يېڭى خىزمەتكە كىرگەن بىر مۇلازىم قىز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىز، ئۈرۈمچى كىشىلىرىگە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئەيدىز ھەققىدىكى تەربىيە تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ھەم تەخىرسىزلىكىدىن سىگنال بولالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

مەلۇم بولغاندەك گەرچە ئۇيغۇر ئېلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەيدىزنىڭ يامرىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان رايون بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ھەققىدىكى تەشۋىقات، تەلىم - تەربىيە سالمىقى ئىنتايىن يېتەرسىز تۇرماقتا.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بۇ خىل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماتېرىياللىرى تېخىمۇ كەمچىل، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ئىگىلەش مەنبەلىرى بەكمۇ چەكلىك، شۇ سەۋبلەردىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزگە قانچىلىك يېقىندا تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايۋاتماقتا، مانا ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىزگە بولغان مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنىڭ ئاجىزلىقى، ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ ياۋۇزلارچە ھۇجۇم قىلىشىغا پۇرسەت ھازىرلىماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.