ئەيدىز ۋاباسى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق تېز ھەم كەڭرى تارالماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.27
2008.11.27

RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسەبىي ئالۋاستى HIV
ئەيدىز ۋاباسى ئۇيغۇر ئېلىگە دەسلەپكى تارقالغان چاغلاردا ئەيدىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سىرلىق ئالۋاستىدەك يوشۇرۇن بىر تەھدىت بولغان بولسا يېقىنقى يىللاردىكى تارقىلىش ئەھۋالى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى،ئەيدىز ھەر بىرىمىزنىڭ يېنىدا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھىمىلىك قىياپىتىنى، غايەت زور، غالجىرلاشقان، ئەسەبىي بىر ئالۋاستى ئوخشىتىش مۇمكىن.ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 26 - نويابىر ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2008 - يىلدىكى ئەيدىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتىن، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن زور تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى سۇ يۈزىگە چىقتى.
سەھىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2008 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم شەھەرلىرىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 24 مىڭ 818 نەپەرگە يەتكەن. ئادەتتە مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا مەلۇم بولغان بۇ ساننى ئالتە ھەسسىلىگەندە ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىي تارقىلىشىنى بىر قەدەر توغرا ھېسابلىغىلى بولىدىكەن.
غۇلجا شەھرىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 9579 كە يەتكەن بولۇپ. بىر يىلدىلا 1995 ئى كۆپەيگەن.غۇلجىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ %39.3 نى ئىگىلىگەن. دېمەك غۇلجا شەھىرى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ئورۇن بولغاندىن باشقا ئەيدىز ئەڭ تېز تارىلىۋاتقان جايدۇر.
20 - ئەسىردىكى قورقۇنۇچلۇق ۋابانىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسەتكەن تەھدىدى
خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: 1995 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىملىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان 13 يىل ئىچىدە، يۇقۇم ئەھۋالى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا.2002 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 6833 گە يىتىپ، خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ %20 ئىگىلىگەن، شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2 - ئورۇندا تۇرغان.
2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 3165 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 30 مىڭدىن ئاشقان. 2003 - يىلى 12 - ئايغىچە، پۈتۈن خىتايدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سانى 840 مىڭگە يەتكەن، كېسەل سانى 80 مىڭگە يەتكەن.
2003 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8150 كە يېتىپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2 - ئورۇندا تۇرغان. ئۇيغۇر ئېلىدە 2004 - يىلى يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 9346 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2005 - يىلى 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى بولسا 11303 گە، مۆلچەردىكى سان 60,000 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى خىتاي بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان. 2005 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 4926 گە يىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ تىز بولغان.
2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولغان يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 4732 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغان، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى HIV بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 16,035 گە يەتكەن. 2007 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 209 گە يەتكەن ئىدى.
زەھەر چەككۈچىلەر، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار
ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 30 - غىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا يەنە 3,928 نەپەر قېتىلغان.يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئەيدىزلەرنىڭ ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر %73 كە يېتىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چەككۈچىلەرنىڭ %95 كە يېقىن سانىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا بولۇپ، 20 - ئەسىردىكى ئىنسانلارغا ئەڭ زور تەھدىت كۆرسىتىۋاتقان ۋابا بولغان ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئاياللار ئارىسىدا ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەر قاتلىمىدا تارقىلىشى بىر قەدەر تېز بولىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر، ئوخشاش جىنىس مۇھەببەتلەشكەنلەر ۋە پاھىشە قاتارلىق ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان كىشىلەردىن باشقا ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئەيدىز يۇقۇش يوللىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ بۇرۇنقىدەك پەقەت زەھەرنى ئوخشاش شىپىرىستا ئوكۇل قىلىش يولى ئاساسى يۇقۇش ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماي جىنسىي ئالاقە ھەمدە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي، ساقلىق مۇلازىمەت يوللىرى بىلەنمۇ يۇقۇشقا باشلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر،' ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز يامرىشىنىڭ يۇقىرى بىر باسقۇچتا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەيدىز يەنىمۇ كېڭىيىشى مۈمكىن
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 25 - نويابىر پۈتۈن خىتايدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 252 مىڭ 748 ئىكەن. خىتاينىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىمۇ ئىنتايىن كەسكىن، مۇتەخەسسىسلەر 2010 - يىلىغا بارغاندا خىتايدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 10 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.گەرچە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئەيدىز 80 - يىللاردىلا بايقالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە 90 - يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بايقالغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلار شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. يىلسېرى كۆپەيمەكتە.
ئىلگىرى ئۈرۈمچى، ئىلى، ئاقسۇ قاتارلىق بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن بولسا نۆۋەتتە ئەيدىز تارقالمىغان شەھەر ۋە ياكى ھەتتا يېزىلاردىمۇ تارقاپ، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش خەتىرىنى پەيدا قىلماقتا.
ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى يەنىمۇ كېڭىيىشى مۈمكىن.