مۇتەخەسسىسلەر 2 - ئاي قۇش زۇكىمى تارقىلىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا

10 - فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورلىرى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسى زاۋا كەنتىدە ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ ئون نەچچە مىڭ ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.11
Xotende-qush-zukami-305 ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻮﺧﯘ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻓﯧﺮﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۇ خوتەندە 2006 - يىلىدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمى تارقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يانۋاردا قۇش زۇكىمى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم. شۇنداقلا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر 2 - ئاي قۇش زۇكىمى تارقىلىشىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

زاۋادىكى قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا دائىرىلەر كېچىكىپ تەدبىر ئالدى

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسى زاۋا كەنتىدىكى ئاشلىق پونكىتىدا ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمى تارقىلىپ 519 دانە غازنىڭ ئۆلگەنلىكىنى شۇنداقلا 10 - فېۋرالدا يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ يەنە 13218 ئۆي قۇشىنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ جايدىكى ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىنغانلىقىنى قىسقا خەۋەر قىلدى.

بۇ ھەقتە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىدا تارقىلىشچان جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، زاۋا كەنتىگە بىر خىتاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان غاز فېرمىسىدا 4 - فېۋرال كۈنى ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە خەۋەر قىلغان، ئەمما خىتاينىڭ قۇش زۇكىمى تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدىكىلەر تۆت كۈندىن كېيىن زاۋاغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ جايدىكى ئۆلگەن غازلارنىڭ h5n1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.

يەرلىك دائىرىلەر ۋەقە يۈز بېرىپ ئالتە كۈن بولغاندا يەنى 10 - فېۋرال كۈنى مەزكۇر كېسەل تارقالغان غاز فېرمىسى ھەمدە ئۈچ كىلومېتىر دائىرىسىدىكى بارلىق ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە 8 كىلومېتىر دائىرىدىكى ئۆي قۇشلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەش، يەنە 13 كىلومېتىر ئارىلىقتا ئۆي قۇشلىرى بازارلىرىنى توختىتىش قاتارلىق قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان ئىكەن.

خىتاي دۆلەتلىك ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش نىزامىدا، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى تارقىلىش ئېھتىماللىقى بولغان گۇمانلىق ئورۇننى 24 سائەت ئىچىدە كارانتىن قىلىش ھەمدە ئىككى ‏ - ئۈچ كۈن ئىچىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە بۇ قېتىمقى قۇش زۇكىمى تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا بىر قەدەر كېچىكىپ تەدبىر ئالغان.

بىز خىتاي دۆلەتلىك قۇش زۇكىمى تارقىلىشىنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن خوتەن قارىقاشتا يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمىنى كونترول قىلىش تەدبىرى ھەم نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار سوئاللىرىمىزغا يېتەرلىك جاۋاب بەرمىدى.

بىز يەنە قۇش زۇكىمى تارالغان جاي بولغان زاۋا كەنتىدىكى ئاممىنىڭ قۇش زۇكىمى تارقىلىشىغا قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بۇ كەنتتىكى بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ، ئۆز كەنتىدىكى ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمىدىن ئىبارەت ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقى بىزنى ئەجەپلەندۈردى.

قارىقاشتا قۇش زۇكىمى پەقەت ئۆي قۇشلىرىدىلا كۆرۈلدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خىتايدا قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملانغان ئىنسانلارمۇ دەل قارىقاشتا بايقالغان بۇ خىل h5n1 تىپلىق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، 2009 - يىلى كىرگەندىن بۇيانلا خىتاي ھەمدە خوڭكوڭدا جەمئىي سەككىز كىشى مۇشۇ خىل قۇش زۇكىمى ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بەشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى، قۇش زۇكىمىدىن بۇ يىل ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئۈرۈمچىدىكى 31 ياشلىق ئايالمۇ بار.

بىز بۇ قېتىمقى قارىقاشتا ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى ئىنسانلارغا تەھدىت كۆرسەتكەن ‏ - كۆرسەتمىگەنلىكى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قارىقاش دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق. بىر نەپەر ئۇيغۇر سېستىرا بۇ ناھىيىدە ھازىرچە بىرەر كىشىنىڭ قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملانغانلىقى كۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىش يۇقىرى باسقۇچى يەنە يېتىپ كەلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، كىلىنىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلىشىچە، ئىنسانلار نۆۋەتتە قۇش زۇكىمى ۋېرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالىشى، ھەتتا ساقايتىشى ھەمدە كونترول قىلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىنچىلىككە ئىگە.

2003 - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادا مەلۇم بولغان يۇقۇمدارلار 406 گە يەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر 254 نەپەر بولۇپ ئۇلار 15 دۆلەت ھەم رايونلارغا تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدا يۇقۇملانغانلار 38 نەپەر، ئۆلگەنلەر 25 كە يەتتى. ھالبۇكى خىتاي مىقياسىدا قۇش زۇكىمىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىشىدىن خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقلانغىلى بولمايدىكەن شۇنداقلا ھەر يىلى 2 - ئاي قۇش زۇكىمى تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ كېلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالىدىن قارىغاندا، قۇش زۇكىمىنىڭ قايتا تارقىلىشىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى يېتىپ كەلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، قىش پەسلىنىڭ ئاخىرى باھارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بارلىق جانلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى يۇقۇملۇق كېسەل ۋىرۇسلىرىنىڭمۇ جانلىنىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، بۇ پەسىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىلىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئىنسانلار بۇ مەزگىلدە تۈرلۈك زۇكامنىڭ شۇنداقلا قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىدە كۆرۈلگەن بىنورمال ساقسىزلىقلارغا جىددىي قارىشى ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتايدا ئىنسانلار ھاياتىغا تەھدىت كۆرسىتىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، قۇش زۇكىمىدىن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك بەش كىشى ئۆلگەن، پۇت - قول - ئېغىز ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىرى ئۆلگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.