مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىش ئالدىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن، ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغان ھەمدە 1950 - يىلى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5 - كورپۇسى قىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى كۆپەيگەندە 40 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 3 گېنېرال ھەم نەچچە ئونلىغان پولكوۋنىك، پودپولكوۋنىك شۇنىڭدەك خېلى كۆپ ساندا مايور ۋە باشقا ئوفىتسېرلارغا ئىگە ئىدى. مىللىي ئارمىيە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى.
مانا شۇ قەھرىمان مىللىي ئارمىيە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىر تارىخىدىكى شانلىق شەجەرىسى بولۇپ قالدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە ئارمىيىسى ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشكەن. ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 84 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆز ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلدى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلاب ۋە ئارمىيىنى قوللىغانلىقى، كېيىن مەزكۇر ئىنقىلاب ۋە ئارمىيىنى ئۆزلىرى نابۇت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.