يېقىندا شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ `تارىم قىزى` ناملىق شېئىرلار توپلىمى ياۋرو - ئاسىيا تەلىم - تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋەخپى تارمىقىدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
كىتابقا شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم يازغان شېئىرلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. 150 شېئىر كىرگۈزۈلگەن بۇ كىتاب 170 بەت بولۇپ، بۇ كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ كۆپى تۈركچىگە، بەزىلىرى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ شىئىرلاردا ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋەتەن ھەسرىتىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى پەريادى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
زەينۇرە ئەيسا خانىم 1946 - يىلى 17 - مارت كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى مىللى ئارمىيىدە ئوفىتسېر دوختۇر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. بالىلىق چاغلىرى ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا ئۆتكەن بولۇپ، 1960 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1965 - يىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى پۈتتۈرگەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان.
1985 - يىلى ئىككى بالىسىنى ئېلىپ تۈركىيىگە كۆچۈپ چىققان. گېرمانىيىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يەنە تۈركىيىگە قايتىپ كېلىپ ھازىر تۈركىيىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. ھازىرغىچە 4 شېئىرلار توپلىمى ۋە بىر تەرجىمە ئەسىرى نەشىر قىلىنغان.
بىز `تارىم قىزى` ناملىق شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شائىرە زەينۇرە ئەيسا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.