ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كومىتېتى خىتاينى رامىزاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادىتىگە يول قويۇشقا چاقىرغان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان. بۇ كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن رامىزاننىڭ تۇنجى كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 11-مارتتىن باشلاپ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق تېخى يېقىندىلا چاغان، پانۇس بايراملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەنگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايراملارنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاراتقۇلار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىبادەت ئېيى بولغان رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، «رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن كومىتېت رەئىسلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن، قورقماي بەجا كەلتۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرىدۇ، شۇنداقلا ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ» دېيىلگەن. چاقىرىقتا يەنە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى ئىككى مەسچىتنىڭ سۈرىتى ئالاھىدە بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» سىياسىتى سەۋەبىدىن دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 2020-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا 16 مىڭدەك مەسچىتنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، تەخمىنەن 8500 مەسچىتنىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.