ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ تالىبانلارغا قارشى كەسكىن ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن پاكىستانغا بېرىلىدىغان 250 مىليون دوللار بىخەتەرلىك ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھېيزېر نېيۇرت پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، گەرچە ئامېرىكا تەرەپ پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن «تالىبانلار ۋە ھەققانىي گۇرۇھى داۋاملىق تۈردە پاكىستانغا يوشۇرۇنۇپ، ئافغانىستانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى،» دېگەن.
ھېيزېر نيۇرتنىڭ تەكىتلىشىچە، پاكىستان يۇقىرىقى گۇرۇھلارغا قارشى «كەسكىن ھەرىكەت» قوللانمىغىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستانغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك ياردىمىنى توختىتىپ تۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان بىخەتەرلىك ياردىمىنى توختىتىشى دەل ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننى 2018-يىللىق «دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان ئەللەر تىزىملىكىدىكى دۆلەت»، دەپ جاكارلىغان ئوخشاش بىر كۈندە يۈز بەردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان تىزىملىككە خىتاينىمۇ كىرگۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستانغا بېرىلىدىغان 250 مىليون دوللار ياردەمنى توختىتىشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە 33 مىليارد دوللار ياردەم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، پاكىستاننى «يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارنى ماكان بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
لېكىن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر «ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى پاكىستاننى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن،» دەپ كۆرسەتكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستان بىر تەرەپتىن «ئافغانىستاندىكى تېررورچىلارغا يان تاياق بولۇپ»، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قارشى زىچ ھەمكارلىشىپ كەلگەن.
