بەش بۇرجەكلىك بىنا پاكىستانغا قارىتىلغان ھەربىي ياردىمىنى توختاتتى
2016.08.06
«ھىندىستان ۋاقتى» ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە پاكىستانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ياردەم ھەققىدە ئىجازەتنامە بېرىشنى رەت قىلغان. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئىجازەتنامە بولمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پاكىستانغا ئىقتىسادىي ياردەم فوندى ئاجرىتىشقا ئىلاجسىز قالىدىكەن.
«سودا ئۆلچىمى» تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاشتون كارتېرنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستاننى تەمىنلىمەكچى بولغان 300 مىليون دوللارلىق «ھەمكارلىق ياردەم مەبلىغى» نى توڭلىتىپ قويغانغا باراۋەر ئىكەن. ئالاقىدار مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مەبلەغ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتقان پاكىستان ئارمىيەسىگە ياردەم ئورنىدا بېرىلمەكچى بولغان.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى ئادەم ستامپ بۇ ھەقتە توختىلىپ «300 مىليون دوللارلىق مەبلەغ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلمەيدۇ. چۈنكى ئۆتكەن يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى ‹ھەققانىي تورى› غا قارشى كىشى رازى بولغۇدەك ھەرىكەت قوللانمىدى» دېگەن.
پاكىستانغا ئۆتكەن يىلى بىر مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم ۋەدە قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭدىن 700 مىليون دوللارلىق ياردەم جايىغا يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2002 - يىلىدىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن جەمئىي 14 مىليارد دوللارلىق «ھەمكارلىق ياردەم پۇلى» ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ۋەقە مەزكۇر ياردەم پۇلىنىڭ تۇنجى قېتىم توختىتىپ قويۇلۇشى ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ھەققانىي تورى» ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئىتىگە ئېغىز زىيان سالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەن.