ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن نورۇزنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.03.21

«ئاقساراي تورى» (The White House) تورىنىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن دۇنيادىكى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان خەلقلەرنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن، مەن ۋە خانىمىم ئىككىمىز دۇنيادىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ ئويغىنىش، ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە قايتىدىن جانلىنىش كۈنى بولغان نورۇزنى تەبرىكلەيمىز. دۆلىتىمىزدىكى نورۇز ئەھلى بىر يەرگە جەم بولۇپ بۇ بايرامنى تەبرىكلىگەندە ۋە ئۇنى ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىكى خۇشاللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغاندا، ئۇ ئامېرىكا روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەم بىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ» .

خىتايدىكى ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، 2017-يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشى، ھەتتا نورۇزغا ئوخشاش ئىران ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان بايراملىرىنى تەبرىكلەشمۇ چەكلەنگەنىدى. ئەمما خىتاي مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بولغان چاغان، پانۇس بايرىمى، دېگەندەك بايراملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى، ھەتتا مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.

يېقىندا رادىيومىز خىتاي دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى چاغانلىق پائالىيەتلەرگە كەڭ-كۆلەمدە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن قورقۇتۇش تەدبىرىنى تەڭ قوللانغانلىقىنى دەلىللىگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ چەكلىنىپ، خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىشىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ بىر قىسمى دەپ باھالىغانىدى.

نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمى بولۇپ، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن 3-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ باھارنىڭ يەنى كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىپ يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ «يېڭى كۈن» دەپمۇ ئاتالغان. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى ھەر خىل شەكىللەردە تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.