ئامېرىكا ئالىي سوتى تىكتوك ھەققىدىكى قانۇننى داۋاملىق كۈچكە ئىگە، دەپ جاكارلىغان

17-دېكابىر جۈمە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى خىتاي كونتروللۇقىدىكى تىكتوك ئەپىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇننىڭ داۋاملىق ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئالىي سوت مەھكىمىسى 17-يانۋار جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دا، تىكتوك ھەققىدىكى داۋا نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىنىڭ ئىلگىرىكى قارارىنى ساقلاپ قېلىشنى، جۈملىدىن تىكتوك ھەققىدە ئۆتكەن يىل 4-ئايدا ماقۇللانغان قانۇننىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشى ۋە 2024-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن مەخسۇس قانۇن ماقۇللىنىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە جىددىي تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان تىكتوك ئەپىنى چەكلەش قارار قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر تىكتوك 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگە قەدەر، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان بايتدەنس (ByteDance) تىن ئايرىلىپ چىقمىسا، ئۇ ھالدا بۇ قانۇن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولۇپ، تىك-توك ئەپى ئامېرىكىدا قوللىنىلىشتىن رەسمىي چەكلىنىدۇ.

تىكتوك شىركىتى بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنغان ۋە ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تىكتوك داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغانىدى. تىكتوك شىركىتى ئەرزىدە «بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تىكتوكنى چەكلەش قانۇنى ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ئالىي سوتى بۈگۈن يەنى 17-يانۋار كۈنىدىكى قارارىدا، تىكتوك ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ مۇنازىرىنى رەت قىلىپ، «تىكتوكنىڭ قوللانغۇچىلارغا ئائىت سانلىق مەلۇمات توپلاش مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ رەقىب دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر قايىل قىلارلىق پاكىتلار نەتىجىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىكتوكنى باش شىركىتىدىن ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بەلگىلىدى. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىز بۇ قانۇن ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمايدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىمىز.» دېگەن.

قانۇن بويىچە، تىكتوك ئەگەر 19-يانۋارغىچە خىتايدىكى باش شىركىتىدىن ئايرىلمىسا، تىكتوك 19-يانۋار سائەت 0 دىن باشلاپ ئامېرىكادا چەكلىنىدۇ.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ ئامېرىكا ئالىي سوتىدىن تىكتوك ھەققىدىكى قارارىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ قانۇننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى مەلۇم.

يېقىندا بلۇمبېرگ تورى، ئەگەر تىكتوك ئامېرىكادىكى ئەرزىنى ئاقتۇرالماي قانۇن داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغان تەقدىردە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىكتوكنىڭ ئامېرىكادىكى مۇلازىمىتىنى داڭلىق كارخانىچى ئېلون ماسكقا سېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر تارقاتقان ئىدى.