رايان خاس: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ‹سوغۇق ئۇرۇش› دەپ تەسۋىرلەش يېتەرلىك ئەمەس!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.07.13

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقاندا بىر قىسىم ئانالىزچىلار ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالنى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەسۋىرلەشكە باشلىغانىدى. يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى برۇكىڭ ئىنىستىۇتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچىسى رايان خاس بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ؛ «بۇ يېڭى تەرەققىياتنى ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› دەپ ئاتاش بەكمۇ چولتا تەسۋىر بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ تەسۋىر ھازىرقى رېئاللىقنىڭ ئېغىر ۋەزنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ» دېگەن.

ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 12-ئىيۇلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رايان خاس ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىرقىسىم قاراشلىرىنى يېقىندا نەشردىن چىققان كىتابىدا مەخسۇس تونۇشتۇرغان ھەمدە «كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتاينىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى زىيادە چاغلاۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاجىزلىقلىرىنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان. سۆھبەتتە مۇخبىرلار ئۇنىڭ مۇشۇنداق خۇلاسە چىقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنى سورىغاندا رايان خاس خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھەممىلا جەھەتتە كرىزىسقا پېتىپ قالغان بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ دۆلەت قەرزىنىڭ ئېشىپ مېڭىشى، نوپۇستىكى قېرىلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشى ھەمدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ مېڭىشى بەكمۇ روشەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ھوقۇقنىڭ مەركەزگە مەركەزلىشىشى بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى ئۈچۈن سىياسىي سىستېمىسىنىڭ كالانپايلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇپ خەلقئارا ئ‍وبرازىنىڭ بارغانسېرى خۇنۈكلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۆز خەلقىنى بېقىش ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سانائەت يېقىلغۇسىنى ئىمپورت قىلىش ئىشلىرىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن.

رايان خاس مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ؛ «ھازىرقى رېئاللىقنى ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› دەپ تەسۋىرلەش يېتەرلىك ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دائىرىدە ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر ئېغىز سۆز قىلالمايتتى. ھالبۇكى بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئەتراپىنى بولسا خېلىلا قۇۋۋەتلىك دۆلەتلەر ئوراپ تۇرماقتا. يەنە كېلىپ بۇ تەۋەلىكتە ئامېرىكامۇ كېزىپ يۈرمەكتە» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.