ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچى نامزاتى نىكولاس بۇرنس خىتاي ھەققىدە كەسكىن سۆزلەرنى قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.10.21

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن نىكولاس بۇرنس 20-ئۆكتەبىر كۈنى كېڭەش پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاي ھەققىدە كەسكىن سۆزلەرنى قىلغان. ئۇ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك» دېگەن.

بۇرنىس يىغىندىكى سۆزىدە خىتاينى ئامېرىكانىڭ «ئەڭ خەتەرلىك رىقابەتچىسى» دەپ ئاتاپ، ئامېرىكانىڭ چوقۇم ياۋروپادىكى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى دېگەن: «خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تىبەتتىكى دەپسەندىچىكلىكلىرى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ھەمدە تەيۋەنگە قارىتىۋاتقان زومىگەرلىكى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك.»

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ تەيۋەن دېموكراتىيەسىنى قوغدىشى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشى، خىتاينىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ھازىرقى دەۋردىكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ چوقۇم شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن نىكولاس بۇرنس پىشقەدەم دېپلومات بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان ئىكەن. نۆۋەتتە بۇرنىسنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.