پىرېزىدېنت بايدېننىڭ خىتاي تەھدىتى تۈپەيلىدىن يادرو قوراللار ئىستراتېگىيەسىنى تەستىقلىغانلىقى مەلۇم بولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.21

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 2024-يىلى مارت ئېيىدىلا ئامېرىكا ئارمىيەسىگە يادرو قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى خىتاينى مەركەز قىلغان ھالدا تەڭشەشكە بۇيرۇق بەرگەن. پىرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ ھەقتىكى تەستىقى مۇتلەق مەخپىي ھۆججەت شەكلىدە تارقىتىلغان بولۇپ، خىتاي تەھدىتىنىڭ بۇ خىل يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىغا سەۋەب بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بايدېننىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئەمەلدار بۇ ھەقتە ئومۇمىي شەكىلدە چۈشەنچە بېرىشكە رۇخسەت ئالغان. بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) نىڭ يادرو قوراللىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن ۋايپىن ناراڭ (Vipin Narang) بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، «خىتاينىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان يادرو قوراللىرى كېڭەيمىچىلىكى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن سانىلىۋاتقانلارنىڭ يادرو قوراللىرى تەھدىتى ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى بېسىپ چۈشۈش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلگەن. ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىكى رۇسيە-خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ كۈچىيىشى، شىمالىي كورېيە ۋە ئىراننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە ھەمدەم بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى بىر ئىستراتېگىيە مۇھىتى پەيدا قىلغان. يەنە كېلىپ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يادرو قوراللىرىنى ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرى پەرەز قىلغان سۈرئەتتىنمۇ تېز بولغان سۈرئەتتە غايەت زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. بۇ ھال ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يىللاردىن بۇيان يادرو قوراللىرىنى رۇسىيەنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسخېمىسىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.