ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىمەكچى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.24

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىمەكچى بولغان.

ئامېرىكا «فوكس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 22-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ئاركانزاس ئىشتاتىدىن توم كاتىن (Tom Cotton)، شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدىن كېۋىن كرامېر (Kevin Cramer)، ئالاباما ئىشتاتىدىن كەتى بىرىت (Katie Britt) قاتارلىقلار باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «بىر غېرىچ تۇپراقنىمۇ بەرمەسلىك قانۇن لايىھەسى» دە، ‹ئامېرىكانىڭ يېرىنى سېتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ› دەپ قاراش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان ھەمدە پىرېزىدېنتنىڭ دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي پۇقرالىرى ياكى شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىن كوللېكتىپ ياكى شەخسىي يەر-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2024-يىلغىچە خىتاي ئامېرىكانىڭ 27 ئىشتاتىدىن 350 مىڭ ئىنگلىز مو (تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغان. 2022-يىلغىچە چەت ئەل شىركەتلىرى ياكى شەخسلەر ئامېرىكادىن 43 مىليون 400 مىڭ ئىنگلىز مو تېرىلغۇ يەر سېتىۋالغان بولۇپ، ئامېرىكا تېرىلغۇ يېرىنىڭ 2 پىرسەنتىگە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر ئىگىلەش قىلمىشىنى تەكشۈرمىگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىشىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي سېتىۋالغان كۆپلىگەن يەرنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرگە يېقىن جايلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان ئادەمسىز ئۇچقۇ(درون) ياكى ساياھەتچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. ئاۋام پالاتاسىدا بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى رەندى فېنسترا (Randy Feenstra) خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا ماس كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇكى، خىتايدەك دۆلەتلەر ئۆتكەن 10 يىلدا ئامېرىكادىن سېتىۋالغان تېرىلغۇ يەرلەر 10 ھەسسە كۆپەيدى. ئۇلار بىزنىڭ يېرىمىزنى ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىز، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىمىز ۋە ئاشلىق تەمىناتىمىزغا تەھدىت سالماقتا».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.