CECC بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قاماقتىكى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.03

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 3-ماي «خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا خوڭكوڭ ۋە خىتاي تۈرمىلىرىدە قاماقتىكى ژۇرنالىستلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە نەشرىياتچىلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ژۇرنالىست، نەشرىياتچى ۋە تور ئاكتىپلىرىدىن ئەركىن تۇرسۇن، قۇربان مامۇت، ئىلھام توختىلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېئا مېركېلېينىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ «دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن كۆپ ژۇرنالىستنى قاماققا ئالغانلىقى ۋە تەشۋىقات ئېكىسپورتى قىلىۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مۇھىم ئامىلنى تەشكىل قىلىشى كېرەك. مۇستەقىل ئاخباراتچىلىقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز…»

بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 2-ماي كۈنى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2024-يىللىق «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۆرسەتكۈچى» نى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يەنىلا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇخبىرلارنى تۈرمىگە قامىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ‍ئىجرائىيە كومىتېتى 3-ماي ئېلان قىلغان باياناتتا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خوڭكوڭدا ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلار، بلوگچىلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە پۇقرا ژۇرنالىستلارنى، جۈملىدىن ئەركىن تۇرسۇن، قۇربان مامۇت، ئىلھام توختى، شۇنداقلا خۇاڭ چى، گۇي مىڭخەي، چېن جيېرېن، جىمىي لەي، لەي شىندې ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسىلىنى «كۈنتەرتىپكە قويۇشى» نى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، «ئۆتكەن بىر يىلدا، خىتاينىڭ ئاخبارات مۇھىتى داۋاملىق تارايغان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ، خەۋەر ۋە ئۇچۇرنىڭ ئايلىنىشىنى سېنزورلىغان، سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغان خىتاي پۇقرالىرىنى داۋاملىق جازالىغان.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.